ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن خىتايغا قارىتا كەسكىن بولۇشنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-04-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرگە قاراتقان سىياسەتلىرىگە قارشى كەسكىن تەدبىر ئېلىشقا چاقىرىلدى.

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشلىقلار يىغىنى ئۈچۈن خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ بىريۇسسېلغا كەلگەن مەزگىلدە تىبەت ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىنى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە كەسكىن بولۇشنى تەلەپ قىلغان.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى دونالد تۇسك ئۇچرىشىشتىن كېيىنكى باياناتىدا ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتىكى ئەندىشىلىرىنى خىتاي تەرەپكە بىلدۈرگەنلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ، كونكرېت قايسى تېمىلارنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ھەققىدە توختالمىغان. ئۇ پەقەت «كىشىلىك ھوقۇق ياۋروپانىڭ قىممىتى، بىز ئۇنى ھەر پۇرسەتتە ئوتتۇرىغا قويىمىز،» دېگەن.

ھالبۇكى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق باشقا نۇرغۇن كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ۋە شۇنداقلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى كىشىلىك ھوقۇق ئېغىر دەپسەندە قىلىنىۋاتقان خىتايغا قارشى ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىشقا چاقىرىپ كەلمەكتە.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پروگرامما باشقۇرغۇچىسى رايىن باررىي «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى» گە قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان لاگېرلار مەسىلىسىنىڭ ئىنتايىن جىددىي بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «بۇ ئىنسانىيەتكە قارشى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بىر جىنايەت، ئۇيغۇرلارغا ۋە تىبەتلەرگە ئىشلىنىۋاتقان بىر جىنايەت. ئەگەر دۇنيا بۇنىڭغا تەدبىر ئالمايدىكەن، ئۇ ھالدا بۇ ۋابا باشقا دۆلەتلەرگىمۇ چاچرايدۇ» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت