لاۋرېنس خاس: «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى خورلىشى دۇنيا ئۈچۈن يامان بېشارەت»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-01-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«ئامېرىكا تاشقى سىياسەت كېڭىشى» نىڭ تەتقىقاتچىسى لاۋرېنس خاس 17‏-يانۋار ئامېرىكىدىكى «خىل گېزىتى» (The Hill) دە ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ بىر مىليوندەك ئۇيغۇرنى «قايتا تەربىيەلەش» لاگېرلىرىغا قامىشى ۋە ئۇلارنى خورلىشىنىڭ دۇنيا ئۈچۈن يامان بېشارەت ئىكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇردى. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى ئۇنىڭ ئىچكى مەسىلىسىدەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى چېگرا ئىچى بىلەن چەكلىنىپ قالمايدىكەن. «خىل گېزىتى» (The Hill) ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە تارقىلىدىغان گېزىتلەرنىڭ بىرى.

لاۋرېنس خاسنىڭ ماقالىسى 17‏-يانۋار كۈنى ئامېرىكا ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتالىرىنىڭ بەزى ئەزالىرى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لاھىيەسى» نى قايتا ئوتتۇرىغا قويغان كۈنى ئېلان قىلىنغان. ئاپتورنىڭ ماقالىدە قەيت قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا رەھىمسىزلىك بىلەن باستۇرۇشى خىتاي خەلقى ئۈچۈنلا ئەمەس، ھەربىي، دىپلوماتىك، ئىقتىسادى جەھەتلەردە داۋاملىق زورىيىۋاتقان بۇ زوراۋان كۈچنىڭ دۇنيا ئۈچۈنمۇ بىر تۆلەيدىغان بەدىلى بارلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. ئاپتور، ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا سوئال قويۇپ، ئۇلاردىن يىراقلىشىش، سودا كېلىشىملىرىنى بىكار قىلىش، ئەركىنلىكنى ئالغا سۈرۈشنى رەت قىلىش دۇنيادا بىر بوشلۇق ياراتقانلىقىنى، لېكىن خىتاينىڭ بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، دۇنيادا خىتاينىڭ تەسىرىنىڭ كۈچىيىشى ۋە ئامېرىكىنىڭ تەسىرىنىڭ ئاجىزلىشىشى ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيەنى تېخىمۇ زور خەۋپكە دۇچار قىلىدىكەن. ئۇ ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا ئاگاھلاندۇرۇپ: «گەرچە بىز ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى، دەپ قارىغان تەقدىردىمۇ، لېكىن پاكىستان ۋە ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئايان بولغاندەك بېيجىڭنىڭ ئىچكى خاراكتېرى ئۇنىڭ چېگراسىدىن ھالقىپ ئۆتمەكتە. چۈنكى، خۇددى سوۋېت ئۆكتىچىسى ئاندرېي ساخاروف ئېيتقاندەك ‹ئۆز خەلقىنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلمىغان بىر دۆلەت، قوشنىلىرىنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلمايدۇ›» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت