خوڭكوڭنىڭ بىر كوچىسىدىكى نامايىشچىلار تارقاقلاشتۇرۇلغان، نامايىش شەھەرنىڭ باشقا جايلىرىدا ئىزچىل داۋام قىلغان

مۇخبىرىمىز جۈمە
2014-11-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خوڭكوڭ دائىرىلىرى چارشەنبە كۈنى دېموكراتىيە نامايىشچىلىرىنىڭ رەھبەرلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ، شەھەرنىڭ ئىقتىسادىي مەركىزىنى ئىككى ئايغا يېقىن قورشاپ ياتقان نامايىشچىلارنى تارقاقلاشتۇرغان. ھالبۇكى، نامايىش شەھەرنىڭ باشقا جايلىرىدا ئىزچىل داۋام قىلغان.

دائىرىلەر تازىلاش جەريانىدا نامايىش يېتەكچىلىرىدىن جاشۇۋا ۋوڭ ۋە لېستېر شوم قاتارلىق ئىككىيلەننى قولغا ئالغان.

ساقچىلار 3 سائەتكە ھەپىلىشىپ نامايىشچىلارنى چوڭ يولدىن تازىلىغان، قاتناش راۋانلاشتۇرۇلغان.

كۆپىنچىسى ئوقۇغۇچىلاردىن تەركىب تاپقان نامايىشچىلار بۇ يىل سېنتەبىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ خوڭكوڭ رايون باشلىقىنى ئەركىن سايلاش ۋە خوڭكوڭ دېموكراتىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزگەن ۋە شەھەر مەركەزلىرىدە چېدىر قۇرۇپ كۈچ كۆرسىتىشىنى داۋاملاشتۇرغان.

ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق قوللىشىغا ئېرىشكەن خوڭكوڭ رايون باشلىقى لياڭ جېنيىڭ نامايىشچىلارنىڭ تەلەپلىرىگە قۇلاق سالمىغان ئىدى.

چارشەنبە كۈنى موڭكوك رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان تازىلاشتا ھۆكۈمەت تەرەپ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن بولسىمۇ، نامايىشچىلار ئۆزلىرىنىڭ باشقىچە پىلانى بارلىقىنى، نامايىشنى ئاداققىچە داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

شەھەرنىڭ باشقا رايونلىرىدا نامايىشچىلار يەنىلا كوچىلارنى ئىگىلەپ يېتىشنى داۋاملاشتۇرغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت