داررېن بايلېر: «خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇرلار ھەققىدە نېمە دەيدۇ؟»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-05-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتى توغرىسىدا خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرىدا كۆپلەپ خەۋەر ۋە ماقالىلەر ئېلان قىلىنىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىۋاتقان بىر قىسىم چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشلىرىنى ھەر خىل مۇنبەرلەردە سۆزلەپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ياش ئۇيغۇرشۇناس داررېن بايلېر يېقىندا ئۆزى ھېس قىلغان يەنە بىر ئەھۋالنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى ھەمدە بۇنى 1-ماي كۈنى ماقالە شەكلىدە ئېلان قىلدى.

ئۇ ئۆتكەن ئىككى يىل ئىچىدە يىگىرمە-ئوتتۇزدەك ئالىي مەكتەپنىڭ مۇنبىرىدە مىليونلارچە ئۇيغۇرنىڭ لاگېرغا قامىلىشىنى چۆرىدىگەن ھالدا ھەر ساھە كىشىلىرىگە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىجتىمائىي پاجىئەنى تونۇشتۇرۇپ كەلگەن ئىدى. بۇ جەرياندا ئۇ كۆپلىگەن خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزى تونۇشتۇرغان ئەھۋالنى زور ھەيرانلىق ئىچىدە ئاڭلىغانلىقىنى كۆرگەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكادىكى بۇ لېكسىيەلەر جەريانىدا خىتاي ئوقۇغۇچىلار خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان يۇقىرى پەن-تېخنىكا ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىش، ئۇلارنىڭ پۈتكۈل ئەھۋالنى ئارخىپلاشتۇرۇپ كونترول قىلىش، ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، كۆپلىگەن ئىشلاردا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنى ئايرىم ئۆچىرەتتە تۇرغۇزۇش دېگەندەك ئەھۋاللارنى ئاڭلاپ تەئەججۈپكە چۆمگەن. ھەتتا لاگېرلار مەسىلىسىنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتكەن. چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى بۇ خىلدىكى ئەھۋالنى ئامېرىكاغا كېلىشتىن ئىلگىرى ھېچقانداق خىتاي ئاخباراتىدىن ئاڭلىمىغان ئىكەن. 

ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتقان يەنە بىر نۇقتا خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزى بەرگەن دوكلاتلاردىن كېيىن بولىدىغان سوئال-جاۋاپتا ئاجايىپ-غارايىپ سوئاللارنى سورىشى بولغان. ئۇلار ھەدىسىلا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىكى «بۆلگۈنچىلىك» قىلمىشلىرى ھەمدە ئۇلارنىڭ «ۋەتەننىڭ بىرلىكى» ئۈچۈن قانداق تەھدىت بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى چوڭ قۇرۇقلۇق تەشۋىقاتلىرىدا كۆپ دېيىلگەن بايانلارنى تەكرارلاش ئارقىلىق داررېن بايلېرنىڭ بايانلىرىنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنغان. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ھەتتا «بىزنىڭ دۆلىتىمىز خەلقئارا قانۇن دېگەنلەردىن مۇستەسنا. پەقەت خەن مىللىتىلا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە سۆز قىلىشقا ھەقلىق» دېگەن. ئۇ بۇ جەرياندا ھەرقايسى جايلاردىكى خىتاي كونسۇلخانىلىرىنىڭ بۇ خىل ئوقۇغۇچىلارنى مەقسەتلىك ھالدا بۇ خىل سورۇنلارغا ئەۋەتىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى گەپ-سۆزلەرنىمۇ ئاڭلىغان. 

داررېن بايلېرنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە خىتايدا باش كۆتۈرۈۋاتقان «ئىسلام ۋەھىمىسى» تەدرىجىي ھالدا يېڭى شەكىلدىكى ئىرقچىلىق قارىشى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتمەكتە ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «بىخەتەرلىك» نامىدا شۇنچە كۆپ بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىشى بولسا بۇ يۈزلىنىشتە ھۆكۈمەتنىڭ پۇقرالار ئۈچۈن قىلىپ بېرىۋاتقان «ياخشى ئىشلىرى» قاتارىدا چۈشىنىلىپ كېلىنمەكتە ئىكەن. ئۇ مۇشۇ ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللارنى تېخىمۇ كۆپ خىتايلارغا ئاڭلىتىش، جۈملىدىن بۇ ئىشلارنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىدىن خەۋەرسىز قالغان كۆپلىگەن خىتاي پۇقرالىرىنى بۇنىڭغا سەپەرۋەر قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت