ئەركىن تىبەت تەشكىلاتى خىتاينىڭ ساختا كىملىكتىكى ئالاقە تورلىرىنى پاش قىلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2014-07-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 22-ئىيۇل سەيشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا تۋىتېر قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە، ساختا كىملىك قوللىنىپ، خىتاينىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇر سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىدىغان ئەھۋاللار بايقالغان.

لوندوندىكى ئەركىن تىبەت تەشكىلاتى، يېقىندا 100 دىن ئارتۇق تىۋىتىر ئاكونتىنى بايقىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، غەرب دۆلەتلىرىدىكى مەشھۇر شەخسلەرنىڭ نامىنى سۈيىئىستىمال قىلغان بۇ تۋىتېر ئالاقە تورلىرىدا، نۇقتىلىق ھالدا خىتاينىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇر سىياسىتى مەدھىيىلىنىدىغان، تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لامانى قارىلايدىغان خەۋەر-يازمىلارنىڭ يوللىنىدىغانلىقىنى، ئەسلى ئىگىسىنىڭ كىملىكى ئېنىق بولمىغان ساختا كىملىك بىلەن قۇرۇلغان بۇ ئاكونتلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، تور قوللانغۇچىلىرىنى ساختا كىملىك قوللانغان بۇ تور ئىگىلىرىدىن ھەزەر ئەيلەشكە چاقىرغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت