ھىندىستان 42 خىتاي جاسۇسلۇق يۇمتالىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017-12-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ھىندىستان ھۆكۈمىتى يېقىندا 42 خىتاي جاسۇسلۇق يۇمتالىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلىپ، پۇقرالىرىنى بۇ يۇمتاللارنى تېلېفون ياكى ئېلېكترونلۇق ئەسۋابلارغا قاچىلىماسلىققا چاقىرغان.

«ھىندىستان ۋاقتى گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان تەتقىقات ۋە ئانالىز ئورنى، ھىندىستان مەملىكەتلىك تېخنىكا تەتقىقات ئورگىنى قاتارلىق تەشكىلاتلار تەييارلىغان تەتقىقات دوكلاتىدا، بۇ 42 يۇمتال تېلېفون قوللانغۇچىلارنىڭ تېلېفونىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى خىتايغا يوللايدىغانلىقى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يۇمتاللار ۋېيبو، ئۈندىدار، QQ ئىنتېرناتسىئونال، ترۇ كوللېر، بەيدۇ خەرىتىسى، QQ مۇزىكا، QQ ئېلخەت، پاراللېل بوشلۇق، بەيدۇ تەرجىمە... قاتارلىق 42 خىل يۇمتالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

خەۋەردە، ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق ھەربىي خادىملارغا يۇقىرىقى 42 خىل يۇمتالنى قاچىلىماسلىق ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چۈشۈرگەنلىكى ۋە شۇنداقلا ئەقىللىق تېلېفونلاردا قوشۇمچە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئېلىشى تەلەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بەزى يۇمتاللارنى جاسۇسلۇق ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتقانلىقى، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئۇنىڭغا ياردەملىشىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر بۇنىڭدىن خېلى بۇرۇنلا تارقالغان.

يېقىنقى خەۋەرلەردە ئالىبابا، تەنسېنت، بەيدۇ قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقانلىقى، ئۈندىدار خىتاينىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئىستىخبارات توپلاش قوراللىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت