«ۋىنتى» تور جاسۇسلۇقىنىڭ خىتاي ئىستىخبارات ئورگانلىرىغا چېتىشلىق ئىكەنلىكى ئالغا سۈرۈلمەكتە

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-05-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكىدىكى «دانالارنى قوغدىغۇچى» شىركىتىنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسى يېقىندا خېلى ئۇزاق مەزگىلدىن بۇيان پاش بولماي كېلىۋاتقان «ۋىنتى گۇرۇھى» غا چېتىشلىق تور جاسۇسلۇقى قىلمىشىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، تۈرلۈك ئىسپاتلار، جاسۇسلۇق تاكتىكىلىرى ۋە ھۇجۇم شەكىللىرى بىردەك «ۋىنتى گۇرۇھى» نىڭ بۇ قىلمىشلارنىڭ جاۋابكارى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. شۇنىڭدەك بۇ گۇرۇھنىڭ خىتاي دۆلەتلىك ئىستىخبارات ئورگانلىرىغا بىۋاسىتە باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى زور دەرىجىدە ئالغا سۈرۈلگەن.

دوكلاتتا بۇ توغرىلىق تەپسىلىي مەزمۇنلار بېرىلگەن بولۇپ، «بىز زور ئىشەنچ بىلەن شۇنى ئېيتالايمىزكى، بىز بۇ يەردە مۇھاكىمە قىلىۋاتقان تور ھۇجۇمچىلىرى خىتاي دۆلەتلىك ئىستىخبارات ئورگانلىرى بىلەن باغلىنىشلىقتۇر. بۇ يەكۈن كۆپلىگەن پاكىتلار ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى» دەپ كۆرسىتىلىدۇ. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ تور جاسۇسلۇقى بىر زور مەشغۇلات خاتالىقى سەۋەبلىك پاش بولۇپ قالغان. بۇ گۇرۇھ 2009-يىلى ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئىلگىرىرەك ۋاقىتتىن باشلاپ جانلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، ئۇلار ھېلىھەم زور دەرىجىدە خەتەرلىك، دەپ قارالماقتا ئىكەن.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، «ۋىنتى گۇرۇھى» غا باغلىنىشلىق كۆپلىگەن تور جاسۇسلىرى ئامېرىكا، ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە قاتارلىق جايلاردىكى نىشانلارنى كۆزلىگەن. شۇنداقلا بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر، تىبەت پائالىيەتچىلىرىگە قارىتىلغان بىر قىسىم تور جاسۇسلۇقى قىلمىشلىرىنىڭمۇ مۇشۇ گۇرۇھقا چېتىلىدىغانلىقى مەلۇم بولغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت