ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ پوچتا سىستېمىسىدىكى ئىمتىيازىغا زەربە بەرمەكچى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-10-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشىنىڭ چۇقانلىرى بېسىلمايۋاتقاندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىر يېرىم ئەسىردىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان خەلقئارا پوچتا سىستېمىسىدىن چېكىنىپ چىقماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ھەمدە پوچتا ھەققى توغرىسىدىكى سىياسەتنى ئۆزگەرتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر پوچتا سىستېمىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، خىتايدىن ئامېرىكىدا ئەۋەتىلىدىغان پوسۇلكىلارنىڭ پوچتا ھەققى ھازىرغا قەدەر ئىزچىل ئەڭ تۆۋەن پوچتا ھەققى ئۆلچىمى بويىچە ھېسابلىنىپ كېلىنگەن ئىكەن.

بۇ ھەقتىكى مۇنازىرىلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئاق سارايدىكى ئالاقىدار خادىملار يېقىندا بۇنىڭ «تەڭسىز باھانى تۈگىتىش» نى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ پات ئارىدا يېڭىدىن پوچتا ھەققىنى بېكىتىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. «ۋول-سترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى باش ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئىلگىرىكى باھا ئۆلچىمىدە خىتايدىن ئامېرىكىغا ئەۋەتىلىدىغان پوسۇلكىلارنىڭ پوچتا ھەققى ئوخشاش پوسۇلكىنىڭ ئامېرىكا تەۋەسىدىكى بىرەر ئىسكىلاتتىن باشقا بىر شەھەرگە پوچتىدىن ئەۋەتىلىش ھەققىدىن كۆپ ئەرزانغا چۈشىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن خىتايدىكى زاۋۇتلارنىڭ ماللىرى ئامېرىكا زاۋۇتلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا قارىغاندا ئامېرىكا بازىرىدا نەچچە ھەسسە كۆپ سېتىلىدىكەن. بۇ بولسا ئامېرىكا زاۋۇتلىرىنىڭ ئوبوروت مىقدارىغا ئېغىز زىيانلارنى سالماقتا ئىكەن.

يەنە بىر ياقتىن، ئەرزان پوچتا ھەققى تۈپەيلىدىن خىتايدىن كۆپلىگەن ساختا ۋە سۈپەتسىز ماللارمۇ ئامېرىكا بازىرىغا ئېقىپ كىرمەكتە ئىكەن. بۇنىڭغا قوشۇلۇپ بىر قىسىم قانۇنسىز بۇيۇملار ۋە زەھەرلىك چېكىملىكلەرنىڭمۇ پوچتا سىستېمىسى ئارقىلىق ئامېرىكىغا تارقىلىشىغا يول ئېچىلغانلىقى مەلۇم.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت