سابىق CIA خادىمى چۈن شىڭلى خىتاي ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-05-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى، يەنى CIA نىڭ سابىق خادىمى جېررىي چۈننىڭ ئەسلى ئىسمى چۈن شىڭلى بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.

چۈن شىڭلى 2018-يىلىنىڭ بېشىدا نيۇ-يوركتىكى كېننېدى خەلقئارا ئايرودرومىدا قولغا چۈشكەن. ئۇ خىتاينىڭ ئامېرىكا ئىستىخبارات تورىنى چۆكتۈرۈشىگە ھەمكارلىشىش گۇمانى بىلەن رەسمىي قولغا ئېلىنغان ئىدى. 

ب ب س خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، جېررىي چۈن 2007-يىلى ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن خوڭكوڭدا ياشاشقا باشلىغان ۋە شۇندىن كېيىن خىتاي ئىستىخباراتى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان. ئۇ ئاساسلىق ئامېرىكانىڭ مەخپىي ئىستىخبارات خادىملىرىنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلاش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.
ئامېرىكا ئەدلىيە دائىرىلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي مىللىتىدىن بولغان ۋە كېيىن ئامېرىكا پۇقرالىقىغا ئۆتكەن جېررىي چۈن ئامېرىكانىڭ خىتايدىكى تەخمىنەن 20 ئەتراپىدا مەخپىي خادىمىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ۋە قاماققا ئېلىنىشى، نەتىجىدە 2010-2012-يىللىرى ئارىسىدا ئامېرىكانىڭ خىتايدىكى ئىستىخبارات تورىنىڭ ۋەيران بولۇشىغا يول ئېچىپ بەرگەن. 

بۇ يىل 54 ياشلىق جېررىي چۈن 1994‏-يىلىدىن 2007‏-يىلىغىچە ئامېرىكا ئىستىغباراتىدا خىزمەت قىلغان، 2007‏-يىلى خوڭكوڭغا كۆچۈپ كەتكەن جېررى چۈن 2012‏-يىلى ئامېرىكاغا كەلگەندە يېنىدا ئامېرىكانىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە ئائىت بىر بارماق دىسكا تېپىلغان. ئۇنىڭدا ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ خىتايدا ياشاۋاتقان مەخپىي خادىملىرىنىڭ ھەقىقىي ئىسىملىكى، تېلېفون نومۇرلىرى ۋە ئىش-ئەمەللىرى يېزىلغان ئىكەن. شەخسلەرنىڭ بۇ خىل ئۇچۇرلارنى ساقلىشى ئامېرىكا قانۇنىدا چەكلەنگەن بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە جېررى چۈن مەزكۇر خاتىرىنى خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلىپ 5 يىلدىن كېيىنمۇ يېنىدا كۆتۈرۈپ يۈرگەن بولغاچقا نەق مەيداندا تۇتقۇن قىلىنىپ سوراققا تارتىلغان. بىراق ئۇ بۇ ماتېرىياللارنى خىتايغا بەرمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى ئۈچۈن قويۇۋېتىلگەن ئىكەن. 

بىراق ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئەھۋالنى ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈشى نەتىجىسىدە ئۇ ئاخىرى 2018-يىلى 1-ئايدا قايتا قولغا ئېلىنغان. ئامېرىكا ئەدلىيە دائىرىلىرى ئۇنىڭ ۋەقەسىنى «ئامېرىكا دۆلىتىگە ۋە ئۆز خىزمەتداشلىرىغا قىلىنغان تىراگېدىيەلىك ساتقۇنلۇق» دەپ سۈرەتلىگەن. ئۇنىڭ سوت ھۆكۈمى بۇ يىل 8-ئايدا ئېلان قىلىنىدىكەن.

تولۇق بەت