ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى: «خىتاينىڭ قوراللىق بېلىقچىلىرىغا خىتاي ئارمىيەسى قاتارىدا مۇئامىلە قىلىمىز»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-04-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى خىتاي دائىرىلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ ساھىل قوغداش ئەترەتلىرىگە ۋە قوراللىق بېلىقچىلىرىغا خىتاي ئارمىيەسى قاتارىدا مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«مالىيە ۋاقتى گېزىتى» نىڭ 29‏-ئاپرېل ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى ئۇرۇش قىلىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئادمىرال جون رىچاردسون بۇ يىل 1‏-ئايدا خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ مەسئۇلى بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇنىڭغا «ناھايىتى ئېنىق قىلىپ»، «ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بۇ زورلۇق-زومبۇلۇققا يول قويمايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ دېڭىز ساھىلىنى قوغداش ساقچى ئەترىتى ۋە قوراللىق بېلىقچى كېمىلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا ئەركىن دېڭىز قاتنىشى مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىشىغا ئىزچىل كاشىلا تۇغدۇرۇپ كەلگەن ئىدى.

«مالىيە ۋاقتى گېزىتى» نىڭ مۇتەخەسسىسلەردىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ئامېرىكا بۇ ئارقىلىق «خىتاينىڭ دېڭىز قاتنىشىنى قالايمىقان قىلىش قىلمىشىغا ھەيۋىسىنى كۆرسىتىپ قويۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن».

خىتاي ھۆكۈمىتى جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئاساسەن پۈتكۈل قىسمىدا ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ رايوندىكى نۇرغۇن ئاراللارغا ھەربىي ئەسلىھەلەرنى ئورۇنلاشتۇرغان. لېكىن ئامېرىكا خىتاينىڭ بۇ رايونغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇق تەلىپىنى رەت قىلىپ، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي مەشغۇلاتىنى كۈچەيتكەن. بۇنىڭغا قارىتا خىتاي ئۆزىنىڭ دېڭىز ساھىل ساقچى ئەترەتلىرىنى ۋە قوراللىق بېلىقچى كېمىلىرىنى ئىشقا سېلىپ كەلگەن. ئامېرىكالىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ «مالىيە ۋاقتى گېزىتى» گە بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئۇلارغا كاشىلا قىلىپ كېلىۋاتقان قوراللىق خىتاي بېلىقچى كېمىلىرىگە ۋە دېڭىز ساقچى ئەترىتىگە ھەربىي قىسىم قاتارىدا مۇئامىلە قىلىشى، خىتايغا بېرىلگەن كېچلىك ئاگاھلاندۇرۇش ئىكەن. خەۋەردە، بۇنىڭ خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى زورلۇق-زومبۇلۇقىغا تاقابىل تۇرۇش يولىدا بېسىلغان جەسۇر قەدەم ئىكەنلىكى، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇنىڭ مەزكۇر رايوندا قوراللىق توقۇنۇش پارتلاش خەۋپىنى كۈچەيتىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى جەنۇبىي دېڭىزدا يۇقىرىقى قارارنى قوبۇل قىلىپلا قالماي، بەلكى يەنە تەيۋەن بوغۇزىدا ئۆز ھەرىكىتىنى كۈچەيتكەن. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، يەكشەنبە كۈنى ئىككى دانە ئامېرىكا ئۇرۇشى پاراخوتى تەيۋەن بوغۇزىدىن كېسىپ ئۆتكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت