«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى: «ئەگەر خىتاي ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلايمەن دېسە ئالدى بىلەن ئۆزىنى ئوڭشىشى كېرەك»

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2020-06-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى 18-ئىيۇن ئېلان قىلغان ماقالىسىدە بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ئامېرىكا بىلەن تېخىمۇ ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە «ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشنىڭ بىردىن-بىر يولى خىتاينىڭ ياخشى بىر ‹دۇنيا پۇقراسى› بولۇشىدۇر، ئۇنداق بولمىغاندا، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى جىددىيچىلىك داۋاملىق كۈچىيىپ بارىدۇ،» دېيىلگەن.

خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومپېيو 17-ئىيۇن بېيجىڭ تەرەپنىڭ تەلىپى بويىچە خىتاي دىپلوماتى ياڭ جيېچى بىلەن ھاۋايدا كۆرۈشكەن. خىتاي تەرەپ كورونا ۋىرۇسى تارقالغاندىن بۇيان ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ناچارلاشقانلىقى ۋە خىتاينىڭ بۇ مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيلگەن: «پرېزىدېنت ترامپ ئۇيغۇرلارنى تەجرىبە ئورنىدا قاتتىق باستۇرۇشتا قولى بار ھەر قانداق بىر خىتاي ئەمەلدارىنى جازالايدىغان قانۇنغا ئىمزا قويدى. خىتاي بۇنى ‹يامان غەرەزلىك ھۇجۇم› دەپ ئاتىدى. لېكىن بۇ قانۇن مۇتلەق ئۈستۈن ئاۋاز بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتتى. ئەمدى ۋاشىنگتون خىتايدىكى ۋەھشىيلىكلەرگە قارشى ھەرىكەت باشلايدۇ.»

خەۋەردە يەنە خىتاي دىپلوماتىنىڭ ھاۋايغا كېلىپ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بىلەن كۆرۈشۈشى خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنى ياخشىلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىدەك بىر رېئاللىقنىمۇ ئاشكارىلايدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

پرېزىدېنت ترامپ 27-مارت ئاخىرقى قېتىم خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئىلىپ بارغاندىن بۇيان، ئۇنىڭ بىلەن قايتا سۆزلىشىشنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەن ئىدى. بۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ «ئىككى دۆلەتنىڭ يارىشىپ قېلىشى» ئۈچۈن كۆرسەتكەن ئۇرۇنۇشلىرى بىكار بولغان ئىدى.

ئامېرىكانىڭ خوڭكوڭ ۋە ئۇيغۇرلارنى قوللىشى سەۋەبلىك خىتاينىڭ دۆلەت تېلېۋىزىيەلىرىدە يېقىندىن بۇيان ئامېرىكاغا قارشى تەشۋىقاتلار كۈچەيگەن. خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا «رەزىل»، «پەسكەش»، «ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنى» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومپېيوغا ھۇجۇم قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت