خىتاي دائىرىلىرى ئاقتۇ ناھىيىسىدىن يەنە 1500 تۈتۈن ئائىلىنى باشقا جايغا كۆچۈرگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-12-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش» نامىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي چېگراسىدىكى تاغلىق يېزا-كەنتلەرنىڭ يەرلىك ئاھالىلىرىنى باشقا جايلارغا كۆچۈرۈش پىلانى تېز سۈرەت بىلەن ئىجرا قىلىنماقتا ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر پىلانى ئىلگىرى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. ئۇلار ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ئاھالىلەرنى ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ئۇسۇلىدىن يىراقلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى كاتەكتەك بىنا ئۆيلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ ئۇلارنى تېخىمۇ ۋەيرانچىلىققا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. بىراق دائىرىلەر بۇ ئاگاھلاندۇرۇشقا قۇلاق سالماي، يېقىندىن بېرى كۆچۈرۈشنى تېخىمۇ تېزلەتكەن.

«قىزىلسۇ گېزىتى» نىڭ 10‏-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئاشكارىلىشىچە، دائىرىلەر بۇ يىل 3‏-ئايدا ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ قىزىلتاغ، چارلوڭ، مۇجى تاغلىق يېزىلىرىدىن 1500 تۈتۈن ئاھالىنى ئاقتۇ ناھىيە بازىرىدىكى بىر ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىغا كۆچۈرۈپ كېلىپ، ھەر بىر تۈتۈن ئائىلىنى كۆلىمى 60 كۋادرات مېتىردىن 80 كۋادرات مېتىرغىچە بولغان بىنا ئۆيلەرگە ئورۇنلاشتۇرغان. خەۋەردە چارۋىچىلارنىڭ بۇ ئارقىلىق «نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، تەدرىجىي بېيىش يولىغا قاراپ ماڭغانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئاقتۇ ناھىيىسى ئۆتكەن يىلدىن بېرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تاغلىق يېزا-كەنتلەردىكى يەرلىك ئاھالىلەرنى باشقا جايلارغا كۆچۈرۈش شۇنىڭدەك خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كۆپلەپ خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتىكى نىشانلىق ناھىيىسى بولۇپ كەلدى. بولۇپمۇ بۇ يىل كىرگەندىن بېرى ئاساسلىق كۆچۈرۈلۈش نىشانى بولۇپ كەلدى. دائىرىلەر ئۆتكەن ئايدا ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ خانتېرەك تاغلىق كەنتى ۋە ئاقدالا چارۋىچىلىق مەيدانىدىكى قىرغىز ئاھالىلەرنى ناھىيە بازىرىنىڭ ئەتراپىغا كۆچۈرگەن. ئاقدالا كەنتىنىڭ ئۆزىدىنلا 258 تۈتۈن قىرغىز، ئۇيغۇر چارۋىچى ئاھالىنى كۆچۈرۈلگەن ئىدى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇشنى باھانە قىلسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئىستراتېگىيىلىك پىلانى-يەرلىك ئاھالىلەرنى چېگرا بويىدىكى تاغلىق رايونلاردىن، بولۇپمۇ «قەشقەر-گۋادار ئىقتىسادى كارىدورى» غا يېقىن رايونلاردىن يىراقلاشتۇرۇش ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت