خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىغا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن يەنە زور تۈركۈمدە ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلماقچى بولغان

مۇخبىرىمىز سادا
2019-06-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى بۇ يىل يەنە خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىن زور تۈركۈمدە ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىشقا كىرىشكەن بولۇپ، بۇ يىل خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۆزى بىۋاسىتە «شىنجاڭ ۋە تىبەتكە 10 مىڭ ئوقۇتقۇچى ئەۋەتىش پىلانى» بويىچە ئىككىنچى تۈركۈمدە زور ساندىكى ئوقۇتقۇچىلارنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى يېزا-بازار ۋە كەنتلەرگە ئەۋەتىشنى پىلانلىغان.

شىنخۇا تورىنىڭ 18-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى ئۆزىنىڭ بۇ پىلانىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ «ئاساسىي قاتلىمىدىكى يېزا-بازار ۋە كەنتلەرگە ئوقۇتقۇچى يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئېلىنغان تەدبىرى» ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرگەن. 

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەر قايسى ناھىيەلىرىدىكى مائارىپ تارماقلىرى ئىزچىل ئېلان چىقىرىپ، ئىچكىرى خىتايدىن زور تۈركۈمدە ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىدىغانلىقى، بۇلارنىڭ مائاش ۋە تەمىناتىنىڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلىپ كەلگەنىدى. نۆۋەتتە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى بارلىق ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدىكى ئۇيغۇر تىلى مائارىپ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى ئاساسەن خىتايلار ئىگىلەۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. 

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ «شىنجاڭغا 10 مىڭ ئوقۇتقۇچى ئەۋەتىش پىلانى» نىڭ ئىككىنچى تۈركۈمى بولۇپ، بۇ پىلان بويىچە، خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئاساسىي قاتلىمىغا ئەۋەتىلىدىغان خادىملار 5000 نەپەر ئوقۇتقۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. 

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم دائىرىلىرى بۇ يىل رايوندىكى ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى 19 مىڭ 900 ئادەمگە كېڭەيتىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 4000 نەپەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ يېزا-كەنت رايونلىرىغا پراكتىكا قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتىپ، رايوننىڭ پراكتىكا ئوقۇتقۇچى قوشۇنىنى كېڭەيتىدىكەن. 

نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا ئىككى مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مىللەت كىشىلىرى خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغان بولسا، لاگېر سىرتىدىكى ياشلارنىڭ بىر قىسمى ئاتالمىش «يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» نامىدا ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەلگەن. ئەمدىلىكتە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئاساسىي قاتلىمىغا «ئوقۇتقۇچى يېتىشمەسلىك» نامىدا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن خادىملارنىڭ كۆپلەپ ئەۋەتىلىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. 

ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ قارىشىچە، ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي تىلىدىكى مائارىپنى رايوندا كەڭ ئومۇملاشتۇرۇپ، ئۇيغۇر تىلىنى مائارىپ، پەن-تېخنىكا ۋە مەمۇرىي ساھەدىن پۈتۈنلەي سىقىپ چىقىرىش مۇددىئاسىغا يەتمەكتە. ئەمەلىيەتتە بولسا، خىتاينىڭ مىللىي تېرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى ۋە باشقىلاردا ئۇيغۇر تىلىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھۆكۈمەت، مائارىپ ۋە باشقا ساھەلىرىدىكى ئىشلىتىش ھوقۇقى ئېتىراپ قىلىنغان بولسىمۇ، ھازىر خىتاي دائىرىلىرى ئۆز قانۇنلىرىغا ئۆزلىرى خىلاپلىق قىلماقتىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت