ش ئۇ ئا ر ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەنۋەر ئابدۇراخمان «تەكشۈرۈش» كە ئېلىپ كېتىلگەن

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-06-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن «شىنلاڭ تورى»، «شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىقلارنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەنۋەر ئابدۇراخمان «ئېغىر دەرىجىدە ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان» دېگەن ئەيىب بىلەن «تەكشۈرۈش» كە ئېلىپ كېتىلگەن.

خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، ئەنۋەر ئابدۇراخمان 1970-يىلى 10-ئايدا تۇغۇلغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى بولغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن بايىنغولىن ئوبلاستلىق ئىتتىپاق كومىتېتىدا ئۇزۇن مەزگىل سېكرېتار بولۇپ ئىشلىگەن. كېيىنچە قەشقەر، قاراشەھەر قاتارلىق جايلاردا رەھبىرىي كادىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. 2015-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن. 

مەلۇم بولۇشىچە، ئەنۋەر ئابدۇراخمان ئىزچىل تۈردە «يۈكسىلىۋاتقان سىياسىي چولپان» دەپ تونۇلغان ئىكەن. ئانالىزچىلار ئۇنىڭ «تەكشۈرۈش» كە ئېلىپ كېتىلىشىنى ئۇنىڭغا قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىشنىڭ بىرىنچى قەدىمى، دەپ قاراۋاتقانلىقى مەلۇم.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت