ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئاتالمىش «شىنجاڭلىق» ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئاچقان

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-11-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي ھەرىكەتلەرنىڭ ھازىر رايون دائىرىسىدىن ھالقىپ، باشقا جايلاردىكى ئۇيغۇرلارغىمۇ بىۋاسىتە ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتىۋاتقانلىقى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئۆتكەن ھەپتە «شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار سۆھبەت يىغىنى» ئاچقانلىقىدا تېخىمۇ روشەن ئەكس ئەتتى.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 26-نويابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، مائارىپ خىزمەت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى پېڭشىننىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلغان بۇ يىغىندا خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئاتالمىش «شىنجاڭلىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئوقۇتقۇچىلار» تەكلىپ بويىچە يىغىنغا قاتناشقان. يىغىندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ياكى تۇرمۇش مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم ئىدىيىسى ۋە 19-قۇرۇلتاي روھىنى يېتەكچى قىلىش» ھەققىدىكى يوليورۇقلىرىنى ئۆگىنىش قايتا تەكىتلەنگەن. شۇنداقلا بۇ ئوقۇغۇچىلارنى «ئۈچ خىل كۈچلەرگە قەتئىي قارشى تۇرغۇچىلار» نىڭ ئاۋانگارتلىرىدىن بولۇشقا چاقىرغان. يىغىندىن كېيىن بۇ ئوقۇغۇچىلار قەشقەر ۋە خوتەن قاتارلىق جايلاردىكى «كەسپىي تەربىيىلەش مەكتىپى» نى ئېكسكۇرسىيە قىلغان.

يىغىندىن كېيىن بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلىدىن سەككىز كىشى سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ۋە پارتكومنىڭ چاقىرىقىغا قەتئىي ئەگىشىدىغانلىقىنى، «ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى» بىلدۈرگەن. لى پېڭشىنمۇ ئوقۇغۇچىلارغا قىلغان سۆزىدە: «ئىجتىمائىي مۇقىملىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئىككى يۈزلىمىلىككە قەتئىي زەربە بېرىش، پارتىيىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ پارتىيىگە ئەگىشىپ مېڭىش» قاتارلىقلارنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەھكەم ئەستە ساقلىشىنى تەكىتلىگەن. شۇنىڭدەك ئوقۇغۇچىلارنى بۇ قېتىمقى ئېكسكۇرسىيە ۋە ئۆگىنىشلەردە ھېس قىلغانلىرىغا بىرلەشتۈرگەن ھالدا «كەسپىي تەربىيىلەش مەكتەپلىرىنىڭ غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى پائال تەشۋىق قىلىشقا ھەسسە قوشۇش» قا چاقىرغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ: «بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزلىرىنىڭ تەشۋىقات قورالى قىلماقچى بولغانلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. دېمەك ئۇلار داۋاملىق ئۆز گۆشىنى ئۆز يېغىدا قورۇشنى ئىجرا قىلماقچى» دېدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت