خىتاي ئۇيغۇر دىيارىدىكى دېھقان-چارۋىچىلارغا «ياردەم پۇلى» تارقاتماقتىكەن

مۇخبىرىمىز سادا
2019-08-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق نازارىتى يېقىندا «دېھقان-چارۋىچىلارغا ياردەم پۇلى تارقىتىش ۋە مۇكاپاتلاش سىياسىتىنى يولغا قويۇش لايىھىسى» نى ئېلان قىلىپ، مەزكۇر لايىھە بويىچە رايوندىكى دېھقانلارغا «ياردەم پۇلى» تارقاتقان.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 28-ئاۋغۇستتىكى ئالاقىدار خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، مەزكۇر لايىھە بويىچە تارقىتىلغان ياردەم پۇلى بېرىلگەن تېرىلغۇ يەرنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 691 مىليون مو، تارقىتىلغان ئومۇمىي ياردەم پۇلى مۇكاپات سوممىسى 2 مىليارد 477 مىليون 250 مىڭ يۈەن بولغان. 

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يايلاقلاردا چارۋىچىلارنىڭ چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلەنگەن رايونلارنى تەسىس قىلغان بولۇپ، بۇ جەمئىي 150 مىليون 100 مىڭ مو يەر ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدىكى 5 مىليون 100 مىڭ مو يەر «سۇ بايلىقىنى ساقلاش ۋە تەبىئىي قوغداش» بويىچە چارۋىچىلىق قىلىش چەكلەنگەن بولۇپ، چارۋىچىلارغا ھەر مو يەر ئۈچۈن 50 يۈەن تولۇقلىما بەرگەن. 

ئۆتكەن مەزگىلدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا ئاتالمىش «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» نامىدا دېھقان-چارۋىچىلارنى زامانىۋى ئۆيلەرگە كۆچۈرگەنلىكى ھەققىدە كۆپلىگەن خەۋەرلەر ئېلان قىلىنغان ئىدى. ئەمدىلىكتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ تېرىلغۇ يەر ھەم يايلاقلىرىغا «چەكلەنگەن رايون» دەپ نام بېرىشى دىققەت قوزغىدى.

ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان بەزى ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ يەر ۋە يايلاقلىرىنى مۇسادىرە قىلىپ، ئۇلارنى ئۆزلىرى بەلگىلەپ بەرگەن يەردە ئولتۇراقلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىدىن ئايرىش شۇنداقلا ئېرىتىپ تۈگىتىش ئۇرۇنۇشىنىڭ ئىپادىسى ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت