خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا «شەكىلۋازلىق» ۋە «بيۇروكراتلىققا قارشى تۇرۇش» ھەرىكىتى قوزغىغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-08-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا قوزغىغان «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» ۋە «قارا گۇرۇھلار، رەزىل كۈچلەر» گە قارشى تۇرۇش ھەرىكەتلىرىدىن كېيىن، ئەمدى «شەكىلۋازلىق» قا ۋە «بيۇروكراتلىق» قا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى قوزغىغان. «خىتاي خەۋەرلەر تورى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدىكى يەرلىك ئورگانلار ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «شەكىلۋازلىققا ئالاقىدار كۆرۈنەرلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ 20 خىل چارىسى» ناملىق ھۆججىتىنى ئىجرا قىلماقتىكەن. مەزكۇر ھۆججەتنىڭ قاچان چۈشۈرۈلگەنلىكى مەلۇم ئەمەس. ئەمما خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە، بۇ ھۆججەتنى ئىجرا قىلىشتا يېزا-كەنتلەردىكى خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ ئاۋانگارت رول ئويناۋاتقانلىقى، نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ «ھەر خىل تەكشۈرۈش، نازارەت ئۆتكەللىرىنىڭ ھالسىرىتىشىدىن قۇتۇلۇپ، تېخىمۇ كۆپ زېھنىنى بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا قاراتقانلىقى» تەكىتلەنمەكتە.

بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يېقىنقى 2 يىل ئىچىدە ئېلىپ بارغان 3‏-قېتىملىق ھەرىكىتىدۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى 2017‏-يىلى ئۇيغۇر رايونىدا قوزغىغان «ئىككى يۈزلىمىچىلەر» گە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدە ھۆكۈمەت، پارتىيە، ئىجتىمائىي ۋە كەسپىي ساھەلەردىكى نۇرغۇن ئۇيغۇر كادىرلار، زىيالىيلار، دىنىي زاتلار «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ قاما ق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغان ياكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغانىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە «ئىككى يۈزلىمىچىلەر» گە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ئارقىسىدىن يەنە «قارا گۇرۇھلار، رەزىل كۈچلەر» نى تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ھەرىكەتتىمۇ نۇرغۇن كادىر، تىجارەتچى، دىنىي زات ۋە جەمئىيەت سەرخىللىرى جازالىنىشقا ئۇچرىغان. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ نۆۋەتلىك «شەكىلۋازلىق» ۋە «بيۇروكراتلىق» قا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى «كومپارتىيەنىڭ شىنجاڭنى باشقۇرۇش ھەققىدىكى باش نىشانى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئۈنۈمدارلىقنى قوغلاشمىغان، شەكىلۋاز قىلمىشلارنى تۈگىتىشكە قارىتىلغان» ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت