خىتاي ھۆكۈمىتى 2019-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىكى «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» دىن 2 مىليون 700 مىڭ ئادەم قېتىم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرماقچىكەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-01-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«خىتاي خەۋەرلەر تورى» نىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا ئاتالمىش «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» نى يەنە 2 مىليون 700 مىڭ ئادەم قېتىم ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى زاۋۇت-كارخانىلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرماقچىكەن. يۇقىرىقىلارنىڭ ئىچىدە ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىدىغان ئادەم سانى 25 مىڭ نەپەر بولۇپ، ئۇلار جەنۇبتىكى خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ ۋە قىزىلسۇ قاتارلىق 3 ۋىلايەت 1 ئوبلاستنى ئاساس قىلىدىكەن.

يېقىندىن بۇيان خەلقئارادىكى تەنقىدلەرنىڭ ئارتىشىغا ئەگىشىپ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويغان لاگېرلىرىنى «كەسپىي ماھارەت بىلەن تەربىيىلەش ئورنى» دەپ ئاتاشقا ۋە بۇ ئورۇنلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ كەسىپ ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلىشقا باشلىغان ئىدى. 

يۇقىرىقى بۇ خەۋەردە «دائىرىلەر 2018-يىلى ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىدا جەمئىي 1 مىليون 275 مىڭ ئادەم قېتىم كەسپىي جەھەتتىن تەربىيىلەش ئېلىپ باردى، بۇ يىل يەنە 1 مىليون 100 مىڭ ئادەم قېتىم كەسپىي تەربىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇش پىلان قىلىندى،» دېيىلگەن. 

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مانا مۇشۇنداق ھەرخىل ناملار ئاستىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس قاتلىمىغا، مىللىي مەۋجۇتلۇقىغا قىلىۋاتقان ئېغىر بۇزغۇنچىلىقى خەلقئارانىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت