ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەردە خىتاي تىلى تولۇق ئومۇملىشىپ بولغان

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-01-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۈرۈمچىدە ئېچىلىۋاتقان «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە باشلانغۇچ يېشىدىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى 99. 91 پىرسەنتكە يەتكەنلىكى نۆۋەتتىكى مائارىپ خىزمىتىنىڭ زور ئۇتۇقلىرى قاتارىدا ساناپ ئۆتۈلگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 15-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، قەشقەر شەھەرلىك 18-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇدىرى ليەن يۈفېي مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «شىنجاڭدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇشقا كىرىش نىسبىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھازىرقى سەۋىيەسىدىن ھالقىپ كەتتى» دېگەن. ئۇ يەنە ھۆكۈمەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا دۆلەت تىلىنىڭ ئومۇملىشىشى ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى، ئۆزى مۇدىرلىق قىلىۋاتقان 18-باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئىككى مىڭغا يېقىن ئوقۇغۇچىنىڭ پۈتۈنلەي ئۇيغۇر بالىلار بولسىمۇ ئۇلارنىڭ دۆلەت تىلى ئۆگىنىشىدە غايەت زور ئىلگىرىلەش ۋۇجۇدقا كەلگەنلىكىنى زوق-شوخ بىلەن سۆزلىگەن.

بۇ خىل ئەھۋال باي ناھىيەسىدىمۇ ئەينەن ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بولۇپ، «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 15-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ناھىيەىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپتە پۈتۈن ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دۆلەت تىلى ئۆگىنىۋاتقانلىقى ئالاھىدە خەۋەر قىلىنغان. مەكتەپ مۇدىرى رەشىدەمنىڭ ئەھۋال تونۇشتۇرۇشىچە يەنە ۋېنجۇ شەھىرىنىڭ باي ناھىيەسىگە ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە مەزكۇر باشلانغۇچ مەكتەپتە «كۇڭزى كۇتۇپخانىسى»، «كۇڭزى فوندى» قاتارلىقلار تەسىس قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنى ۋېنجۇغا بېرىپ دۆلەت تىلى ئۆگىنىشكە تەشكىللىگەن.

د ئۇ ق نىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ: «مىليونلاپ ئۇيغۇرلار لاگېرلارغا قامالغانلىقتىن يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ئىگە-چاقىسىز قېلىۋاتىدۇ. مۇشۇنداق يار-يۆلەكسىز گۆدەكلەرنى مەكتەپكە يىغىپ خىتايچە ئۆگىتىش ھېچقاچان تەرەققىيات ھېساپلانمايدۇ. ئەكسىچە سېپى ئۆزىدىن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش» دېدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت