قاغىلىقنىڭ تاغلىق يېزىلىرىدىكى 2 مىڭ نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى «بىڭتۇەن» قارمىقىدىكى ياتاقلىق مەكتەپكە كۆچۈرۈلگەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2018-06-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ تاغلىق يېزىلىرىدىكى 2 مىڭ نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئۆز يۇرتلىرىدىن ئايرىلىپ، خىتاي ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسى - «بىڭتۇەن» قارمىقىدىكى ياتاقلىق مەكتەپكە كۆچۈرۈلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، قاغىلىق ناھىيەسى تەۋەسىدىكى تىبەت تاشيولى باشلىنىدىغان نۆل نۇقتىغا يېقىن 29-پولك مەيدانىغا جايلاشقان 4-ئوتتۇرا مەكتەپ ئەسلىدە بىڭتۇەن قارمىقىدىكى خىتاي مەكتىپى ئىكەن.

يېقىندا دائىرىلەر بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش بىنالىرى بىلەن ياتاقلىرىنى كېڭەيتىپ قۇرۇپ، قاغىلىقنىڭ كۆكيار، چىپان ۋە زوڭلاڭ قاتارلىق 3 تاغلىق يېزىسىدىكى 2000 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى بۇ مەكتەپكە كۆچۈرگەن. كۆزەتكۈچىلەر، دائىرىلەر بۇ پىلان ئارقىلىق قاغىلىقنىڭ تاغلىق يېزىلىرىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا خاتىمە بەردى، دەپ قارىماقتا.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بىڭتۇەننىڭ مەكتىپىگە كۆچۈرۈلگەن بۇ 2000 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى 7-يىللىقتىن 9-يىللىققىچە بولغان تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئىكەن. بۇ يېزىلارنىڭ قاغىلىق ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 50-60 كىلومېتىر بولۇپ، كۆچۈرۈلگەن ئوقۇغۇچىلار پۈتۈنلەي ئائىلىلىرىدىن ئايرىلىپ ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيدىكەن. ئايدا بىر قېتىم ئائىلىسىنى كۆرۈشكە رۇخسەت قىلىنىدىكەن.

«بىڭتۇەن گېزىتى» نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بىڭتۇەن دائىرىلىرى بىر مىليارد 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئۆز تەۋەلىكىدىكى مائارىپ ئەسلىھەلىرىنى يېڭىلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە يەنە ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىڭتۇەن مەكتەپلىرىدە خىتاي تىلى ئوقۇتۇشىنىڭ 100 پىرسەنت ئومۇملاشقانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى ئۇيغۇر مەكتەپ بالىلىرىنى بىر تەرەپتىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىسە، يەنە بىر تەرەپتىن بىڭتۇەن مەكتەپلىرىگە كۆچۈرۈپ، خىتايچە مائارىپ ئارقىلىق ئېرىتىپ تۈگىتىش قەدىمىنى ھەسسىلەپ تېزلەتكەنلىكىدىن تەشۋىشلەنمەكتە ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت