«مالىيە گېزىتى» بىڭتۇەننىڭ يەر كۆلىمىنى كېڭەيتىۋاتقانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى ئازايتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-05-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئەنگلىيە «مالىيە» گېزىتى يېقىندا ماقالە ئېلان قىلىپ، «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» نىڭ نوپۇسى ۋە يەر زېمىنى تېز كېڭىيىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى ئازايتىشقا ۋە ئۇلارنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ماقالىدا مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، بىڭتۇەننىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ بىخەتەرلىك، ئىقتىسادىي ھاياتىدا بارغانسېرى مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.

ماقالىدا يەنە بىڭتۇەننىڭ يېزا ئىگىلىكتىن تارتىپ، توپچى قىسىملارغىچە، گېزىت-ژۇرنالدىن تارتىپ، تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىغىچە ھەممە نەرسىگە ئىگە ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ پاختا، پەمىدۇر قىيامىغا ئوخشاش يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىپ، ئېكسپورت قىلىدىغانلىقى، بەزى شىركەتلىرىنىڭ شېنجېن ئاكسىيە بازىرىغا پاي چېكى سالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ماقالىدا قەيت قىلىنىشىچە، بىڭتۇەننىڭ 2013‏-يىلى 23 يېرىم مىليارد دوللار بولغان ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىشى ئۆتكەن يىلى 36 مىليارد 700 مىليون دوللارغا يەتكەن.

ماقالىدا ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىس دېيرېن بايلېرنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، «بولۇپمۇ بىڭتۇەننىڭ يەر ئىگىلەش ۋە ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر رايونلىرىدا خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئارتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى» بىلدۈرۈلگەن.

ماقالىدا قەيت قىلىنىشىچە، بىڭتۇەننىڭ شەھەرلىشىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشى كۆچمەنلەر نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشى، يەر ئىگىلەش ئەھۋالىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.

ماقالىدا، 2016‏-يىلى خوتەندە قۇرۇلغان«كۈنيۈ» شەھىرى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ شەھەرنىڭ 510 گېكتار يەرنى ئىگىلىگەنلىكى، ئۇنىڭ نوپۇسىنىڭ 47 مىڭغا يېتىپ بارغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ماقالىدا قەيت قىلىنىشىچە، خوتەندىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ شەھەر-بازار ۋە يېزا ئىگىلىك رايونلىرىدا ياشىسىمۇ، لېكىن خىتاي ئاھالىسى ئۇلارنىڭ ئولتۇراق رايونلىرىغا قاراپ كېڭەيمەكتە ئىكەن.

ماقالىدا مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە: «خوتەن شەھىرىدەك ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەركەزلىرىنى خىتايلار ئىگىلەشكە باشلىغان. ئۇلارنىڭ بۇ رايونلارنى ئىگىلىشى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ كەلگەن ئەنئەنىۋى شەھەر ھاياتىنىڭ رىتىمىنى ئۆزگەرتىشكە باشلىدى» دېيىلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت