بىر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار دىيارى ھەققىدىكى بايانلىرى غۇلغۇلا قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-06-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى باستۇرۇش ھەرىكىتى توغرىسىدا كۆپلىگەن مەلۇماتلار ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقاندا بۇ جايدا ياشاپ باققان خىتايلاردىن بىرى يېقىندا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى تورىدا ئېلان قىلغان بىر پارچە بايانات دىققەت قوزغىدى.

باياناتتا ئېيتىلىشىچە، بۇ خىتاي كىشى ئىلگىرى ئۇيغۇرلار دىيارىدا بىر مەزگىل ياشىغان بولۇپ، كېيىنچە تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن بىرنەچچە قېتىم ئۇ جايغا بارغاندا كۆرگەن-بىلگەنلىرى ھەرقاچان ئۇنىڭغا فانتازىيەلىك فىلىملاردىكى كۆرۈنۈشلەرنى ئەسلەتكەن. بولۇپمۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قاتمۇ-قات نازارەت ئاستىدا كونترول قىلىۋاتقانلىقى، كېيىنچە بۇنىڭغىمۇ قانائەتلەنمەي خىتاي كادىرلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە يېتىپ-قوپۇشقا ئورۇنلاشتۇرغانلىقى، «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا قەشقەر ۋە خوتەن تەرەپلەردىن ئېلىپ كېلىنگەن ئۇيغۇرلاردىن سەللا «گۇمانلىق» ئەھۋالنى بايقىسا ئۇلارنى لاگېرغا ئەۋەتىدىغانلىقى ئۇنى بەكلا ھەيران قالدۇرغان.

بۇ خىتاي كىشى ھەيرانلىق ئىچىدە بايقىغان يەنە بىر ھادىسە شۇ بولغانكى، خىتاي دائىرىلىرى ھەرقاچان ئۇيغۇرلارنى چاغانلىق تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرى ياكى بېيجىڭدىكى تەشۋىقات فىلىملىرىدا ناخشا ئېيتقۇزۇپ، ئۇسسۇل ئوينىتىپ سەھنىگە چىقىرىدىكەن، ئۇ جايدىكى خىتايلارمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇسسۇلىغا قەۋەتلا ئامراق ئىكەن. ئەمما ئۇيغۇرلار بىلەن سۆزلىشىپ ئۇلارنىڭ قايسى دەرىجىدە ئازاب تارتىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىپ بېقىش بىرەر خىتاينىڭمۇ ئېسىگە كەلمەيدىكەن. ئۇ ھەر قېتىم تۇغقان يوقلاپ بارغاندا ئۇنىڭ خىتاي تۇغقانلىرى ئۇيغۇرلارنى يامانلاپ؛ «بۇ خەق بەك دۆت، شۇنداق قالاق، يەنە كېلىپ بەك مەينەت» دەپ شىكايەت قىلىپ بېرىدىكەن.

ئۇ سەپەر جەريانىدا ھۆكۈمەت ئورگىنىدا ئىشلەيدىغان بىر خىتاي بىلەن بىر يەردە ئولتۇرۇپ قالغان. شۇ خىتاي ئۇنىڭغا ئۇيغۇرلار دىيارىدا ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان بىر قاتار سىياسەتلەرنىڭ «بىر ئەۋلادنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە كېيىنكى ئەۋلادلارغا بەخت يارىتىش» نى كۆزلەۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە نۆۋەتتىكى تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرى گەرچە ئىقتىسادىي جەھەتتە بەزى سەلبىي ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كەلسىمۇ، مۇشۇ رەھىمسىز «ئەۋلاد ئالمىشىش» نى باشتىن كەچۈرگەن كېيىنكى ئەۋلادلار ئۇيغۇر-خىتاي دەپ ئايرىماي «ئىتتىپاقلىقتا بىرگە ياشاش» نى ئىشقا ئاشۇرالايدىكەن.

ئۇ مۇشۇ ئەھۋاللارنى خۇلاسىلەپ «كىچىكىدىن تىكەنلىك سىم توسۇق ئىچىدە ئۆسكەن بۇ بىر ئەۋلاد تىكەنلىك سىم توسۇق بولمايدىغان جايلارنىڭمۇ بارلىقىنى كۆرگەندە نېمىلەرنى ئويلار؟» دەپ سوئال قويىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت