«15 - ئىيۇن خەلقئارا ئۇيغۇر تىلى كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016-06-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۆتكەن يىلى مايدا ھەر يىلنىڭ 15 - ئىيۇن كۈنىنى خەلقئارا ئۇيغۇر تىلى كۈنى قىلىپ بېكىتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى. بۈگۈن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگرامما گۇرۇپپىسى بىر بايانات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر كۈننى خاتىرىلىدى. باياناتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇر تىلىغا قارىتا يوقىتىش خاراكتېرلىك سىياسىتىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقى ۋە كېڭىيىۋاتقانلىقى پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا ئەھدىنامىلەردە بەرگەن ئالاقىدار ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشقا چاقىرىلدى.

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ مۇشۇ خىل بايانات ۋە دوكلاتلرىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر تىلىنى يوقىتىشنى يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئاتالمىش قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى ئارقىلىق پىلانلىق ۋە سېستىمىلىق ھالدا يولغا قويۇپلا قالماستىن، يەنە يېقىنقى ئايلاردىن بېرى ئۇيغۇر رايونىدىكى مىسرانىم، باغداش ۋە بوزقىر قاتارلىق تورلارنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىنى تۇتقۇن قىلىش ۋە سوراق قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلى يېزىقچىلىق ساھەسىگىدىمۇ ئېغىر تەھدىت ھاۋاسى پەيدا قىلماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت