نورۋېگىيەدە «ئۇيغۇر تىل ھوقۇقى ھۇجۇم ئاستىدا» ناملىق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018-03-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تورىدىكى ئۇقتۇرۇشتىن مەلۇم بولۇشىچە، بۈگۈن يەنى 16‏-مارت كۈنى نورۋېگىيەدە «ئۇيغۇر تىل ھوقۇقى ھۇجۇم ئاستىدا» دېگەن تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلگەن.

«نوبېل تىنچلىق سارىيى» دا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىندا خىتاينىڭ ئۇيغۇر تىلى سىياسىتىنىڭ ئۆزگىرىش قەدەم باسقۇچى ۋە نۆۋەتتىكى يوقىتىش تەدبىرلىرى تونۇشتۇرۇلغان ۋە مۇلاھىزە قىلىنغان.

خوتەندە ئۆتكەن يىلى چىقىرىلغان مەكتەپلەردە ئۇيغۇرچە سۆزلەشنى چەكلەش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى ۋەزىيەتكە ئالاقىدار پاكىتلار قاتارىدا تىلغا ئېلىنغان يىغىندا، ئۇيغۇر تىل ھوقۇقى، مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ھوقۇقى، خەلقئارا بالىلار ھوقۇقى ۋە خىتاينىڭ تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە ھوقۇقى قاتارلىق قانۇن ۋە ئەھدىنامىلەرگە باغلاپ مۇلاھىزە قىلىنغان.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى، رافتو كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى فوندى ۋە ئامېرىكىدىكى دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى تەرىپىدىن بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇلغان ۋە بىر كۈن داۋام قىلغان بۇ يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئاۋسترالىيە شۆبىسى ۋە نورۋېگىيە تىبەت كومىتېتى قاتارلىق ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئارىلىشىۋاتقان ۋە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان تەشكىلاتلارنىڭ تەتقىقات ۋە پائالىيەتچىلىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت