ئامېرىكىنىڭ تېرمو فىشىر شىركىتى ئۇيغۇر ئېلىگە گېن تېخنىكىسى سېتىشنى توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-02-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكىدىكى تېرمو فىشىر بىئولوگىيەلىك ئەسۋابلار شىركىتى ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرىگە گېن ئۇچۇرلىرىنى رەتلەش ۋە ساقلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئۈسكۈنىلەرنى سېتىشنى توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

«ۋال-سترىت ژۇرنىلى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر شىركەت بۇنداق بىر قارار ئېلىشىدىكى سەۋەبنى ئۆز ئۈسكۈنىلىرىنىڭ رايوندا ئېغىر دەرىجىلىك تەقىب سىستېمىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا قوللىنىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىكلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە «بۇ بىزنىڭ شىركىتىمىزنىڭ خىزمەت ئەخلاقى، قىممەت قارىشى ۋە سىياسەتلىرىگە ئۇيغۇن ئەمەس،» دەپ كۆرسەتكەن.

ئامېرىكىنىڭ ماسساچۇستېس شىتاتىغا جايلاشقان تېرمو فىشېر شىركىتى DNA ئۇچۇرلىرىنى رەتلەش ئەسۋابى ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر شىركەت. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 2017‏-يىلى 12‏-ئايدىكى بىر دوكلاتىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ گېن ئۇچۇرلىرىنى يىغىپ ساقلاش ئۈچۈن ئىشلەتكەن ئۈسكۈنىلىرىنى يۇقىرىقى بۇ شېركەتتىن سېتىۋالغانلىقىنى ئاشكارىلاپ، مەزكۇر شېركەتتىن كۆپ قېتىم ۋەقەنى سۈرۈشتۈرگەن.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيومۇ مەزكۇر شىركەتنىڭ باشلىقى مارك كاسپېرغا خەت يېزىپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرگەن. ماركو رۇبىيو ۋە كىرىستوفىر سىمىس قاتارلىق مەجلىس ئەزالىرى يەنە ئامېرىكا سودا مىنىستىرىغا مەكتۇپ يېزىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇش ۋە تەقىبلەش ھەرىكەتلىرىدە ۋاسىتىلىك ھالدا شېرىك بولۇپ قېلىۋاتقان ئامېرىكا شىركەتلىرىنى دەرھال نازارەت قىلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

تېرمو فىشىر شىركىتى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا «بىز ئۆز مەھسۇلاتلىرىمىزنى سېتىۋالغۇچىلارنىڭ قانداق مەقسەتلەر ئۈچۈن ئىشلەتكەنلىكىگە دىققەت قىلىمىز» دېگەن. بىراق شىركەتنىڭ باياناتىدا ئۇنىڭ خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرى بىلەن داۋاملىق تىجارەت قىلىدىغان ياكى قىلمايدىغانلىقى ئېنىق تەكىتلەنمىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2016‏-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مىقياسىدا «ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈش ھەرىكىتى» نامى ئاستىدا بىر ھەرىكەت قوزغاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قان ئەۋرىشكىسى، بارماق ئىزى، كۆز قارىچۇقى ۋە ئاۋاز ئەۋرىشكىلىرى قاتارلىق مۇھىم گېن ئۇچۇرلىرىنى يىغقان. مەزكۇر ھەرىكەت ئەينى چاغدا كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىدا كۈچلۈك گۇمان پەيدا قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت