تەتقىقاتچىلار غەربتىكى پەن-تېخنىكا ژۇرناللىرىنى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زىيانكەشلىككە دىققەت قىلىشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-01-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۇيغۇر دېھقانلارنى يىغىۋېلىپ قان ئەۋرىشكىسى ئېلىۋاتقان كۆرۈنۈش.
ئۇيغۇر دېھقانلارنى يىغىۋېلىپ قان ئەۋرىشكىسى ئېلىۋاتقان كۆرۈنۈش.
xjem.gov.cn

بىر قىسىم تەتقىقاتچى-مۇتەخەسسىسلەر پەن-تېخنىكا ژۇرناللىرىدىن ئۇيغۇرلاردىن مەجبۇرىي ئېلىنغان گېن ئۇچۇرلىرى ئاساسىدا يېزىلغان ئىلمىي تەتقىقات ئەسەرلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.

«ئالىي مائارىپ ۋاقتى» تور گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار ھەرقايسى ئىلمىي تەتقىقات ژۇرناللىرىنى خىتاي تەتقىقاتچىلارنىڭ گېن تەتقىقاتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي ماقالىلىرىنى، بولۇپمۇ ئۇنىڭدا ئىشلىتىلگەن گېن ئۇچۇرلىرىنىڭ مەنبەسىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈشنى ئەسكەرتكەن. مەزكۇر چاقىرىق دەل خەلقئارا ئىلمىي تەتقىقات ساھەسىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ خىتايدىكى گېن ۋە يۈز تونۇش سىستېمىسى، سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قاتارلىق ساھەلەردە تەتقىقات ماتېرىيالى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى گۇمانلار كۈچەيگەن مەزگىلگە توغرا كەلگەن.

لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى ئېتنو-مۇزىكا ئىلمى پروفېسسورى راچېل خاررىس «ئالىي مائارىپ ۋاقتى» تور گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ گېنىنى مەجبۇرىي يوسۇندا يىغىشقا ۋە ئۇلارنى مۇتلەق كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىشقا ئىشلىتىلگەن نازارەت سىستېمىلىرىنىڭ نۇرغۇنلىرىنىڭ غەربتىكى بىر قىسىم ئۇنىۋېرسىتېتلار ۋە شىركەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىش نەتىجىسىدە تەرەققىي قىلدۇرۇلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «غەربتىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ تەتقىقات مەركەزلىرى ھەم پەن-تېخنىكا ژۇرناللىرى مۇشۇ تۈردىكى تەتقىقات تېمىلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارنى تاقىغىچە بايقۇت قىلىشى كېرەك» دەپ چاقىرىق قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە 2016-يىلىدىن بۇيان «ئومۇمىي خەلق ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈش ھەرىكىتى» نامىدا ھەرىكەت قوزغاپ، بارلىق كىشىلەرنىڭ گېن ئۇچۇرلىرىنى يىغىشقا باشلىغان. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئەنگلىيەدىكى نېۋكاسل (يېڭى قەلئە) ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئۇيغۇرشۇناس جوئاننې سىمىس دەل بۇ نۇقتىنى ئەسكەرتكەن ۋە «خىتاي ھۆكۈمىتى گېن ئۇچۇرىنى ساختا نام ئاستىدا يىغقان، ئۇ يەردە كىشىلەر لاگېرغا سولىنىشتىن قورقۇپ ھۆكۈمەت بىلەن ھەمكارلىشىشقا مەجبۇر بولىدۇ» دېگەن. شۇڭا ئۇ ھەرقايسى تەتقىقات ژۇرناللىرى بۇ ساھەگە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات ماقالىلىرىنىڭ ئاپتورىدىن گېن ئۇچۇرلىرىنىڭ مەنبەسىنى ۋە بۇ گېن ئۇچۇرى ئىگىسىنىڭ بۇنىڭغا رازىلىقى بار-يوقلۇقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن. ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېۋىسكى سۆزىدە: «چەتئەللەردىكى پەن-تەتقىقات ژۇرناللىرى ئۆزلىرىدە ماقالىسى ئېلان قىلىنغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن غايىب قىلىۋېتىلگەن ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتۈرۈشى كېرەك» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت