تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە قانداق پوزىتسىيەدە بولىدىغانلىقى دىققەت بىلەن كۆزىتىلمەكتە

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-08-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېر تۈزۈمى ۋە باشقا بېسىم سىياسەتلىرىگە قارىتا قانداق ئىپادە بىلدۈرىدىغانلىقى ۋەزىيەت كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلى 30-ئىيۇل كۈنى ئېلان قىلغان بىر باياناتىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خىتاي تەرەپ بىلەن مەخسۇس سۆھبەتتە بولغانلىقى ۋە ئۆزلىرىنىڭ يېقىندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ كېلىشكە مەخسۇس بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر زىيارەتتىن كېيىن تۈركىيە تەرەپنىڭ بېرىدىغان باياناتى تۈركىيەنىڭ مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى ئورنىنى بەلگىلەشتە ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن.

ئىسرائىلىيەدىكى «بېسا ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى» تور بېتىدە تەتقىقاتچى جەيمىس دورسىي بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان مۇلاھىزە ماقالىسىدە تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسىنى ئۇنىڭ پارىس قولتۇقىدىكى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ باشلامچىسى بولۇشتەك تىرىشچانلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەپ مۇلاھىزە قىلغان.

ئۇنىڭ قارىشىچە، تۈركىيە ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلارغا قۇچاق ئېچىپ كەلگەن، 2009-يىلى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىمۇ ئەردوغان تۇنجى بولۇپ خىتاينى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن. بۇ يىل 2-ئايدا تۈركىيە ھۆكۈمىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلىرىنى تاقاشقا چاقىرغان.

ئەمما شۇندىن كېيىن تۈركىيە ھۆكۈمىتى سۈكۈتكە چۆكۈپ، قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ئىقتىسادىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن خىتاي بىلەن بولغان تىجارىتىنى ئاشۇرغان.

جەيمىس دورسىنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە، ئەگەر تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە ئەۋەتىدىغان تەكشۈرۈش ئۆمىكى بېرىپ، ئۇ يەردە خىتاي ھۆكۈمىتى «ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش ئۈچۈن قۇرۇلغان تەربىيە مەركەزلىرى» دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان لاگېرلارنى ماختاپ يېنىپ كەلسە، بۇ خىتاي ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان قان-قېرىنداشلىق ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئورتاقلىقلىرىنى نەزەردە تۇتقاندا ناھايىتى زور غەلىبە بولىدىكەن. ئەمما تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بولسا مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەرنى دەپ دىنىي قېرىنداشلىرىغا دۈمبىسىنى كۆرسەتكەن يەنە بىر مۇسۇلمان لىدېرنىڭ بىرى بولۇپ قالىدىكەن. ھالبۇكى، ئۇ ئەگەر بۇ بېسىم سىياسىتىنى تەنقىدلىسە، ئۇ ھالدا ئەردوغان باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ ئىچىدە بۇ زۇلۇمغا قارشى گەپ قىلغان بىردىن-بىر مۇسۇلمان لىدىرى بولۇپ قالىدىكەن.

تەتقىقاتچى جەيمىس دورسىنىڭ قارىشىچە، تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىدىكى پوزىتسىيەسى سۇدان قاتارلىق بىر قىىسم دۆلەتلەرنىڭ قارارىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتكە كۆزىنى يۇمۇۋالغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىگىمۇ رىقابەت پەيدا قىلىدىكەن. شۇڭا تۈركىيەنىڭ تەنقىد بىلەن سۈكۈت ئارىسىدىكى ئارىسالدىچىلىقىدىن كېيىنكى بۇ زىيارىتى ئەمەلىيەتتە تۈركىيەنىڭ ئورنىنى بەلگىلەيدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت