تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىغا كۆزەتكۈچىلەر ئۆمىكى ئەۋەتمەكچى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-07-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشوغلى تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدە نازۇك مەسىلىلەردىن بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خىتاي تەرەپ بىلەن مەخسۇس سۆھبەتتە بولغاندىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ يېقىندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ كېلىشكە مەخسۇس بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 30-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا قاماش مەسىلىسىدە خەلقئارانىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە دۇچ كېلىۋاتقان پەۋقۇلئاددە پەيتتە تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇ قارارنى ئېلان قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ بىرنەچچە تۈركۈم چەتئەل دىپلوماتلىرىدىن تەشكىل تاپقان ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكى ئاتالمىش «كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى» نامىدىكى لاگېرلارنى زىيارەت قىلغان ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئەسەبىيلىككە ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» تەدبىرلىرىنى ماختىغان ئىدى. ئەمما شاھىتلار بۇ ھەقتە توختىلىپ، بۇ خىل زىيارەتلەردىكى «كۇرسانتلار» نىڭ ئالدىن تاللانغان ۋە كۆپ قېتىملاپ مەشىق قىلدۇرۇلغان، شۇنداقلا ھەقىقەتنى ئېيتىپ قويسا بەكمۇ ئېغىر جازاغا ئۇچرايدىغانلىقى بىلەن تەھدىت قىلىنغان «مەھبۇس ئارتىسلار» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. شۇڭا ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ «تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئەۋەتكەن ۋەكىللەرمۇ مۇشۇ خىلدىكى ساختا كۆرۈنۈشكە ئالدىنىپ قايتىپ كېتىشى مۇمكىن،» دېيىشتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت