پرېزىدېنت ترامپنىڭ كىم جۇڭئۇن بىلەن قەيەردە كۆرۈشىدىغانلىقى بۇ ھەپتە ئېلان قىلىنىدۇ

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-05-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ سەيشەنبە كۈنى شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جۇڭئۇن بىلەن قاچان ۋە قەيەردە كۆرۈشىدىغانلىقىنىڭ مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرلىرىغىچە ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنت ترامپ «مېنىڭچە قەيەردە ئۇچرىشىدىغانلىقىمىز مۇشۇ بىر قانچە كۈن ئىچىدە ئېلان قىلىنىدۇ» دېگەن.

ئەگەر ئۇلارنىڭ كۆرۈشۈشى ئەمەلگە ئاشسا، بۇ ئامېرىكا پرېزىدېنتى بىلەن شىمالىي كورېيە رەھبىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇچرىشىشى بولۇپ قالىدۇ. پرېزىدېنت ترامپ ئىلگىرى كىم جۇڭئۇن بىلەن 5‏-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ياكى 6‏-ئاينىڭ باشلىرىدا ئۇچرىشىشى مۈمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ دۈشەنبە كۈنى سىنگاپور ئۇلار ئۇچرىشىشنى ئويلىشىۋاتقان جايلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكى، بىراق ئۆزىنىڭ شىمالىي كورېيە بىلەن جەنۇبىي كورېيە ئوتتۇرىسىدىكى قورالسىز رايوندا ئۇچرىشىشنى مۇۋاپىق، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇچرىشىشنىڭ قورالسىز رايوندا ئۆتكۈزۈلۈشى دىققەت قوزغايدىكەن. ئۇ، «ئەگەر سۆھبەت ئۇتۇقلۇق بولسا ئۇنى خاتىرىلەشكە ئەرزىگۈدەك ئىش بولىدۇ» دېگەن. 

جەنۇبىي كورېيە پرېزىدېنتى مۇنجېئىن بىلەن شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جۇڭئۇن 27‏-ئاپرېل كۈنى ئىككى كورېيە ئوتتۇرىسىدىكى قورالسىز رايوندا ئۇچرىشىپ، كورېيە يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇشنى ۋە تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالايدىغانلىقىنى جاكارلىغان. پرېزىدېنت ترامپ ئىككى كورېيە رەھبىرىنىڭ ئۇچرىشىشىغا ئىجابىي باھا بەرگەن ئىدى. لېكىن، ئاق ساراينىڭ باياناتچىسى سارا خاكابې ساندېرس سەيشەنبە كۈنى ئۇچرىشىشنىڭ ۋاقتى ۋە ئورنىغا دائىر ئىچكى مۇزاكىرىلەرنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلىپ، «پرېزىدېنت ئېيتقاندەك ئۇچرىشىدىغان ئورۇن تۇراقلىشىشقا ئاز قالدى. بىز ئۇنىڭ پات يېقىندا ئېلان قىلىنىشىنى كۈتۈۋاتىمىز» دېگەن. بۇ ئارىدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ بۇ ھەپتە ئىچىدە شىمالىي كورېيەنى زىيارەت قىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى. چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ۋاڭ يىنىڭ شىمالىي كورېيەنى تۇيۇقسىز زىيارەت قىلىشى خىتاينىڭ كورېيە تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ سىرتىدا قېلىشتىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت