ئامېرىكا ئىستىخبارات ئەمەلدارى: خىتاي ئامېرىكىغا قارىتا داۋاملىق تور جاسۇسلۇق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017-01-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىستىخبارات ئىشخانىسىنىڭ باش دىرېكتورى جېيمىس كلىپپېرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامېرىكا ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ 3 نەپەر رەھبىرى پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا گۇۋاھلىق بېرىپ، خىتاينىڭ ئامېرىكىغا قارىتا داۋاملىق تور جاسۇسلۇق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

جېيمىس كلىپپېرنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2015‏-يىلى ئامېرىكىغا قارىتا تور جاسۇسلۇق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشنى توختىتىشقا ماقۇل بولغان بولسىمۇ، ئەمما بېيجىڭنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ئامېرىكا كارخانىلىرى ۋە ئامېرىكىغا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ تور بېكەتلىرىگە قارىتا جاسۇسلۇق ھەرىكىتى توختىمىغان.

جېيمىس كلىپپېر، «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ تېررور ھەرىكىتى ۋە ئىقتىدارىنى داۋاملىق تەرتىپكە سېلىپ ۋە ئىخچاملاپ، تېخىمۇ كەسىپلىشىشى، ئۇنىڭغا قارىتا تەقىب قىلىش ۋە قايتۇرما زەربە بېرىشنى قىيىنلاشتۇردى» دېگەن.

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 2015‏-يىلى سېنتەبىردە ئامېرىكىغا قىلغان زىيارىتىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق بېسىمىغا ئۇچرىغان. ئۇ، پرېزىدېنت ئوباماغا ۋەدە بېرىپ، تور جاسۇسلۇق ھەرىكىتىنى توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

جېيمىس كلىپپېر پەيشەنبە كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ قالغان ئىككى نەپەر ئەمەلدارى بىلەن بىرگە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىدا گۇۋاھلىق بەرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت