جون كەرىي ئامېرىكىغا قارىتىلغان تور ھۇجۇمى مەسىلىسىنى خىتاي بىلەن ئۈزلۈكسىز سۆزلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2015-08-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى جون كەرىي ئامېرىكىغا قارىتىلغان تور ھۇجۇمى مەسىلىسىنى خىتاي بىلەن ئۈزلۈكسىز سۆزلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ ئۇنىڭ ئېلخەتلىرىنى ئوقۇۋاتقان بولۇش مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ 11-ئاۋغۇست كەچقۇرۇن ئامېرىكا CBS تېلېۋىزىيەسىنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئۇلار ئۆتكەن بىر نەچچە كۈندىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ بىر نەچچە مۇھىم نۇقتىلىرىغا تور ھۇجۇمى قىلدى. شۇڭا ئۇلارنىڭ مېنىڭ ئېلخەتلىرىمنى ئوقۇتۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىنچىلىكىنى چەتكە قاققىلى بولمايدۇ.

ئۇ يەنە خىتاي ۋە رۇسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ئامېرىكا شىركەتلىرىگە دائىم ھۇجۇم قىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى ۋە مۇنداق دېدى: بىز بۇ مەسىلىسىنى يېقىندا خىتاي بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلىرىمىزدە ئىنتايىن قاتتىق رەۋىشتە ئوتتۇرىغا قويدۇق.

ئۇ ئاخىرىدا تور ھۇجۇمى مەسىلىسىنىڭ بۇ يىل سېنتەبىردە ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇچرىشىشتىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يېقىدا ئامېرىكا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى خادىم باشقۇرۇش ئىدارىسىگە قارىتىلغان خىتاي مەنبەلىك تور ھۇجۇمىدا 22 مىليونغا يېقىن ئامېرىكا ھۆكۈمەت خادىمىنىڭ كىملىك مەخپىيەتلىكلىرى ئوغرىلاپ كېتىلگەن. بۇ ئامېرىكا دائىرىلىرىنى ئىنتايىن خاپا قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت