شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرى 10 يىلدىن بۇيان خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ كەلگەن

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2015-04-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكىدىكى خەلقئارالىق ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكى شىركەتلىرىدىن «ئوتلۇق كۆز شىركىتى» دۈشەنبە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، «شەرقىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى قوشنىسى ھىندىستاننىڭ 10 يىلدىن بۇيان خىتاي تور خاككېرلىرىنىڭ تور ھۇجۇمىغا ئۇچراپ كەلگەنلىكى» نى بىلدۈردى.

دوكلاتتا دېيىلىشىچە AP 30 دەپ نام بېرىلگەن خاككېرلار خىتايدا ئىشلەنگەن يۇمشاق دېتالنى قوللىنىپ، شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە ھىندىستاننىڭ ھۆكۈمەت، سودا شىركەتلىرىنىڭ تور بېكەتلىرىگە كىرىپ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتى، ھەربىي ئۇچۇرلار ۋە ئىقتىسادىي ئۇچۇرلارنى ئوغرىلاش بىلەن شۇغۇللانغان ۋە بۇ خاككېرلىق ھۇجۇمىنى 10 يىلدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن.

ئىنتېرنېت بىخەتەرلىك شىركىتى (FireEye) نىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى تېخنىك يېتەكچىسى برايىس بوران ئەپەندى مەزكۇر شىركەتنىڭ تور بېكىتىدە بۇ ھەقتە توختىلىپ،«APT30 خاككېرلىق ھەرىكىتىنىڭ مەقسىتى ئېنىق ھالدا خىتاينىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇرۇپتۇ، بىز ئىگىلىگەن بارلىق يىپ ئۇچلىرى بۇ خاككېرلىق ھەرىكىتىنىڭ ئارقىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتى بارلىقىنى كۆرسەتمەكتە. بىز بۇ خۇلاسىنى پەقەت بىرلا پاكىتقا ئاساسەن چىقارمىدۇق» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت