ئامېرىكا تور بىخەتەرلىك تەتقىقات ئورنى ئۇيغۇر، تىبەتلەرنى كۆزىتىدىغان خىتاي تور بۇزار گۇرۇھىنى ئاشكارىلىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016-01-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«پالو ئالتو» ناملىق ئامېرىكا تور بىخەتەرلىك تەتقىقات ئورنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر، تىبەت تەشكىلاتلىرىنى كۆزىتىدىغان بىر خىتاي تور بۇزارلار گۇرۇھىنى بايقىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مەزكۇر تور تەتقىقات ئورنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «سكارلېت مىمىك» ناملىق تور بۇزارلار گۇرۇھى يېقىنقى 4 يىلدىن بۇيان پائال ھەرىكەت قىلىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئىختىلاپى بار ئاز سانلىق مىللەت گۇرۇھلىرىنى ناھايىتى ئەتراپلىق نازارەت قىلىش تېخنىكىسىغا ئىگە ئىكەن.

ئەمما مەزكۇر تور بىخەتەرلىك ئورنى، بۇ گۇرۇھنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىغا يېتەرلىك دەلىل يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

«پالو ئالتو» نىڭ 25‏-يانۋار ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ تور ھۇجۇملىرىنىڭ ھۆكۈمەت بىلەن ئالاقىدار ئىكەنلىكىگە دەلىلىمىز يوق. لېكىن ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىدىن ئېرىشكەن ئۇچۇرلار، بۇ گۇرۇھ ياكى گۇرۇھلارنىڭ نىشانى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇ (مىللەتلەرگە) تۇتقان پوزىتسىيەسى بىلەن بىردەك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ»

«پالو ئالتو» تورىنىڭ قەيت قىلىشىچە، تور بۇزارلار «FakeM» ناملىق ۋىرۇس قوللانغان. «پالو ئالتو» بۇنىڭ تىپىك Windows مەشغۇلات سىستېمىسىدىن ئارقا ئىشىك ئاچىدىغان «سۈڭگۈچ ۋىرۇسى» ئىكەنلىكىنى، ئۇ، تور بۇزارلارغا قارشى تەرەپنىڭ «Windows»، «Yahoo» سۆزلىشىش پروگراممىلىرىدىكى ھېساب نومۇرلىرىنى كونترول قىلىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تور ھۇجۇمى يېقىنقى ۋاقىتلاردا ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى جىددىي مەسىلىگە ئايلىنىپ قالغان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى تور بۇزارلارنىڭ ھۇجۇمى بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى رەت قىلىپ كەلدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت