ئامېرىكا ۋە خىتاي دائىرىلىرى تور بىخەتەرلىكى سۆھبىتى باشلىدى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2016-06-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا ۋە خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرى سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭغا جەم بولۇپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى تور بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ئۈستىدە سۆزلىشىشنى باشلىدى. مەزكۇر سۆھبەت، ئامېرىكا شىركەتلىرىگە قارىتىلغان خىتاي مەنبەلىك تور ھۇجۇملىرى ھەققىدىكى شىكايەتلەر كۆپەيگەن مەزگىلگە توغرا كەلدى.

ئىككى كۈن داۋام قىلىدىغان بۇ يىغىن ھەققىدە توختالغان ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ماكس باكۇس ھەر ئىككى تەرەپنىڭ تور بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا بەل باغلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تور خەۋپسىزلىكى مەسىلىسى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى نازۇك مەسىلىلەرنىڭ بىرى. مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە ئىككى تەرەپ ئۆتكەن يىلى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكا زىيارىتى جەريانىدىمۇ بىر قاتار كېلىشىملەر ھاسىل قىلغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، باكۇس مۇنداق دېدى: «بىز بۈگۈن ئىككى پرېزىدېنت ئارىسىدا ھاسىل قىلغان كېلىشىملەرنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغىنى كەلدۇق.»

خىتاي ج خ مىنىستىرى گو شېڭكۈنمۇ ھەر ئىككى تەرەپنىڭ تور خەۋپسىزلىكى مەسىلىدە ھەمكارلىشىشنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىن ئامېرىكىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئېچىلغان بولۇپ، يىغىنغا ئەسلى ئامېرىكىنىڭ ئەدلىيە ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىرىمۇ قاتناشماقچى ئىدى. ھالبۇكى، ئۇلار ئورلاندودا يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىق تۈپەيلى يىغىنغا كېلەلمىگەن. شۇنىڭ بىلەن يىغىنغا ئامېرىكا تەرەپتىن ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى سۇزان سپاۋلدىڭ، خىتاي تەرەپتىن خىتاي مەركىزىي سىياسىي قانۇن كومىتېتى سېكرېتارى مىڭ جىيەنجۇلار باش بولۇپ قاتناشقان.

ئۆتكەن يىلى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئېچىغان بىر گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا خىتاي تەرەپ ئامېرىكىغا قاراتقان تور جاسۇسلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ ئامېرىكا شىركەتلىرىگە نەچچە ئون مىليارد دوللار زىيان سېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي تەرەپ ئوغرىلاپ كەتكەن سانائەت ۋە پەن-تېخنىكا مەخپىيەتلىكلىرى كۆپىنچە ھاللاردا خىتاي دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى شىركەتلەرنىڭ قولىدا پەيدا بولۇپ قالىدىكەن.

ئامېرىكا دائىرىلىرى ئۆتكەن يىلى يەنە 5 نەپەر خىتاي ھەربىي ئوفىتسېرىنى تور جاسۇسلۇقى بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇلار ئۈستىدىن قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقارغان.

ھالبۇكى، خىتاي دائىرىلىرى ئامېرىكىنىڭ يۇقىرىقىدەك ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلىپ كەلمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت