خىتاينىڭ «نىيە ئارخېئولوگىيە كۆرگەزمىسى» گە قويۇلغان بەزى بۇيۇملار سوئال پەيدا قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-01-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگونىڭ 2017‏-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ئارخېئولوگىيە خىزمەت يىغىنىدا قىلغان سۆزىدىن كېيىن، خىتاي ئارخېئولوگلىرى ئۇيغۇر رايونىدا ئارخېئولوگىيەلىك قېزىشنى كۈچەيتىپ، «شىنجاڭ ئەزەلدىن تارتىپ خىتاي زېمىنى» دېگەننى ئىسپاتلاشنى تېزلەتكەن.

چېن چۈەنگو شۇ قېتىمقى يىغىندا مەزكۇر رايوننىڭ «ئارخېئولوگىيە خىزمىتى شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن تارتىپ جۇڭگو زېمىنى، دېگەننى ئىسپاتلاشقا قارىتىلىشى كېرەكلىكى» نى بىلدۈرگەن. ئەينى چاغدا چەتئەلدىكى بەزى تارىخچىلار ۋە ئارخېئولوگلار چېن چۈەنگونىڭ سۆزىنى «ئارخېئولوگىيە ئىلمىگە قىلىنغان ئېغىر ھۆرمەتسىزلىك» دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.

شىنخۇا تورىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، دائىرىلەر 2018‏-يىلى 24 خىل ئارخېئولوگىيەلىك تۈر بويىچە ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاساسلىق نىشانى تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاتالمىش «غەربىي رايون قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى» نىڭ ئورنىنى ئىزدەشكە قاراتقان. گەرچە ئامېرىكىدا ياشايدىغان ئاتاقلىق ئارخېئولوگ قۇربان ۋەلى ئۇيغۇر رايونىدا بۇنداق خارابىلىقنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن بەزى خىتاي ئارخېلوگلىرى كۇچار، بۈگۈردىكى بەزى خارابىلىكلەر شۇنىڭ ئورنى، دېگەننى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. دائىرىلەر بىر تەرەپتىن ئارخېئولوگىيەلىك قېزىشنى كۈچەيتسە، يەنە بىر تەرەپتىن مەزكۇر رايوننىڭ تارىختىن بۇيان خىتايغا تەۋە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان «بۇيۇملار» نى كۆرگەزمە قىلىشقا باشلىغان.

بۇنىڭ ئىچىدە ھازىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان «نىيە ئارخېئولوگىيە كۆرگەزمىسى» گە قويۇلغان ئىككى بۇيۇم ئالاھىدە دىققەت قوزغايدىكەن. شىنخۇا تورىنىڭ خەۋىرىدە، كۆرگەزمىدىكى بۇيۇملارنىڭ ئىچىدە «كىمكو خانلىقى خەن سۇلالىسىگە بېقىناتتى» دېگەن خىتايچە تارىشا پۈتۈك بىلەن «شەرقتىن چىققان بەش يۇلتۇز جۇڭگوغا مەنپەئەتلىك» دېگەن خىتايچە خەت چۈشۈرۈلگەن پاختىدىن توقۇلغان رەڭلىك تۇمارنىڭ ئەڭ قىممەتلىك ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. خىتاي ئارخېئولوگلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ تۇمار مىلادى 2-ۋە 3-ئەسىرلەرگە تەئەللۇق ئىكەن. خەۋەردە، تارىشا پۈتۈكنى ئاتاقلىق ياۋروپالىق سەيياھ ستېيىننىڭ 1931‏-يىلى نىيە خارابىسىدىن تاپقانلىقى، رەڭلىك تۇمارنىڭ 1995‏-يىلى تېپىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. لېكىن چەتئەلدىكى ئارخېئولوگلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ستېيىننىڭ تاپقان يادىكارلىقلىرىنىڭ ئىچىدە ئۇنداق بىر تارىشا پۈتۈك يوق ئىكەن. شۇنداقلا يەنە جۇڭگو، دېگەن يېقىنقى زاماندا پەيدا بولغان بىر ئاتالغۇنىڭ 2‏-3 ئەسىرلەردە ئىشلىتىلگەنلىكى بەكمۇ گۇمانلىق ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت