تارىم ۋادىسىدىكى سۇ قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشى گۇمان قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-07-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي باشقۇرۇشىدىكى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 8-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى 2019-يىلىغا قارىتا قەشقەردىن يەكەنگىچە بولغان ئارىلىقتا غايەت زور كۆلەمدىكى سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشىنى باشلاش ئالدىدا ئىكەن.

خەۋەردە تارىم ۋادىسىنىڭ ئىزچىل «قۇرغاق رايون» دەپ نامى بارلىقى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇش تاماملانسا بۇ جايدىكى سۇ يېتىشمەسلىك مەسىلىسى زور دەرىجىدە ھەل بولىدىغانلىقى ئېيتىلىدۇ. شۇنىڭدەك بۇنىڭغا مىسال قاتارىدا 11 مىليارد سوم مەبلەغ سېلىنىدىغان ئاراتاش سۇ ئىنشائاتى پۈتسە، بۇنىڭ پۈتكۈل يەكەن دەرياسى ۋادىسىغا باراۋەر كۆلەمدىكى جاينى سۇغىرىشقا يېتەرلىك سۇ بىلەن تەمىن ئېتەلەيدىغانلىقى ئېيتىلغان. 

ئۆتكەن يىللاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكىرىدىن ئۇيغۇرلار دىيارىغا يۈز مىليونلاپ نوپۇس كۆچۈرۈش پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يارلۇزاڭبۇ دەرياسىنىڭ سۈيىنى باشلاپ كەلمەكچى بولۇۋاتقانلىقى، شۇنىڭدەك پات يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نوپۇسىنى ئون مىليونغا يەتكۈزمەكچى بولۇشى ھەققىدە تۈرلۈك خەۋەرلەر ئوتتۇرىغا چىققانىدى. ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ: «بۇ ھال خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان غەمخورلۇقى ئەمەس، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ زور ساندىكى نوپۇس كۆچۈرۈش پىلانىنىڭ مۇھىم تەييارلىق باسقۇچى» دەپ كۆرسەتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت