خىتاينىڭ قوشۇنلىرىنىڭ تاجىكىستاندىكى ھەربىي بازىسى ئارقىلىق ۋاخان كارىدورىنى يېقىندىن كۆزەتمەكتىكەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-02-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى خىتاينىڭ تاجىكىستاندىكى ھەربىي پائالىيەتلىرى ھەققىدە مەخسۇس خەۋەر تارقاتتى. «خىتاي قوشۇنلىرى ئافغانىستاننىڭ بوسۇغىسىغا ئورۇنلاشتى» ماۋزۇلۇق خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ ھەربىي قوشۇنلىرى تاجىكىستاننىڭ ۋاخان كارىدورىدىن بىر قانچە ئىنگلىز مىلى يىراقلىقتىكى مۇرغاپ رايونىدا بازا قۇرغان.

مۇخبىرى تاجىكىستانغا قىلغان بىۋاسىتە زىيارىتى، ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت ۋە سۈنئىي ھەمراھىدىن تارتىلغان سۈرەتلەرنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق رايوندا خىتاينىڭ ھەربىي بازىسىغا تەۋە بولغان ئالاھازەل 20 دىن ئوشۇق بىنا ۋە كۆزىتىش مۇنارلىرى بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ بۇ يەردە ئاز دېگەندە 3 يىلدىن بۇيان ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» مۇخبىرى جېررىي شىھنىڭ خەۋەردە بايان قىلىشىچە، ئۇلار يۇقىرىدىكىدەك ھەربىي بىنالاردىن بىرنى كۆرگەن شۇنداقلا بۇ ھەربىي بازىغا يېقىن جايدىكى بازاردا سودا-سېتىق قىلىۋاتقان خىتاي ئەسكەرلەرنىمۇ كۆرگەن. دىققەت قوزغايدىغىنى، ئەسكەرلەرنىڭ ھەربىي كىيىمىنىڭ ياقىسىدىكى بەلگىسى خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق قىسىملىرىغا ئائىت ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ما فامىلىلىق بىرى ئۆزلىرىنىڭ بۇ جايغا كەلگىنىگە 3-4 يىل بولغانلىقىنى ئېيتقان. مۇخبىر ئۇلاردىن: «ھازىرغىچە ئافغانىستان چېگراسىدىن ئۆتمەكچى بولغان بىرەرىنى قولغا چۈشۈرۈپ باقتىڭلارمۇ؟» دەپ سورىغان، بىراق ئۇلار بۇنداق مەلۇماتلارنى ئېيتىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتىكى سوئالغا جاۋاب بەرمىگەن. تاجىكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بولسا يازما بايانات ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇپ، «خىتاينىڭ تاجىكىستاندا بىر ھەربىي بازىسى يوق، بۇ ھەقتە بىر ئۇچرىشىشلارمۇ بولۇپ باقمىدى» دېگەن.

ھالبۇكى، «خەلقئارا كرىزىس گۇرۇپپىسى» ناملىق مۇستەقىل خەلقئارا ئىستراتېگىيە ئورگىنىمۇ 2018-يىلىنىڭ بېشىدا ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا، خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ تاجىكىستاننىڭ ۋاخان كارىدورىغا چېگرىداش جايىدا ھەربىي ئەسلىھە بازىسى قۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش ئۇيغۇر قوراللىقلىرىنىڭ ھۇجۇم قىلىش خەۋپىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن بولغاچقا خىتاينىڭ ۋاخان كارىدورىغا يېقىن جايلاردىكى ھەربىي پائالىيەتلىرىمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىخەتەرلىك ئەندىشىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ پەرەز قىلىنماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت