بىڭتۇەن نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەر ئاستى سۇ مەنبەلىرىنى تولۇق كونترول قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018-11-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«جۇڭگو خەۋەرلەر تورى» 16-يانۋار كۈنى تارقاتقان بىر خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيەسى، يەنى بىڭتۇەن 15 مىليون يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەر ئاستى سۇ مەنبەلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە ئۆلچەش خىزمەتلىرىنى باشلىغان.

مەزكۇر خىزمەت پىلانىنى بىڭتۇەن سۇ ئىدارىسى ۋە بىڭتۇەن مالىيە ئىدارىسى بىرلىكتە ئېلىپ بارىدىغان بولۇپ، بۇ بىڭتۇەننىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا 3-قېتىملىق سۇ مەنبەلىرىنى قىدىرىش ۋە ئۆلچەش قۇرۇلۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

تارىخى ماتېرىياللاردىن قارىغاندا، 1950-يىللاردىن ئېتىبارەن بىڭتۇەن 1-دېۋىزىيەسىگە قاراشلىق 16 پولك مەيدانى تارىم دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى رايونلارنى، يەنى ئارال قاتارلىق رايونلارنى مەركەز قىلىپ، 2-دېۋىزىيەگە قاراشلىق 14پولك مەيدانى بولسا كورلىنى ئاساس قىلغان ھالدا تارىم دەريانىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئېقىنلىرى رايونىنى كونترول قىلغان ئىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سۇ ۋە تۇپرىقى ئەڭ مۇنبەت جايلىرىنى ئىگىلەپ تۇرغان بىڭتۇەن قىسىملىرىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەر ئاستى سۇ مەنبەلىرىنى تولۇق كونترول قىلىش ئۈچۈن غايەت زور مەبلەغ ئاجرىتىپ ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى.

مەزكۇر خەۋەرگە قارىغاندا، بىڭتۇەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى سۇ مەنبەلىرىنى 3-قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ۋە ئۆلچەش خىزمىتىنى ئالدىنقى يىلى 8-ئايدا باشلىغان ئىكەن. 2019-يىلى 6-ئايدا «سۇ مەنبەلىرىنى تەكشۈرۈش باھالاش نەتىجىسى دوكلاتى» ۋە «يەر ئاستى سۇ مەنبەلىرىنى قېزىپ چىقىرىش پىلان لايىھە دوكلاتى» قاتارلىقلار ئېلان قىلىنىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت