ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2019-09-03
خىتاي، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىلغان سۆزىگە ئېتىراز بىلدۈرگەن.
2019-09-03
فوربېس ژۇرنىلى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار قوللىنىۋاتقان ئاندرويىد يانفونلىرىنىڭمۇ خۇددى «ئالما» شىركىتىنىڭ يانفونلىرىغا ئوخشاشلا ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
2019-09-03
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 10-ئايدا دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەيدىغان بولۇپ، بۇ سەۋەبلىك ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ يەنىمۇ چىڭىلىتىدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.
2019-09-03
30-ئاۋغۇست كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى دائىملىق ئوقۇيدىغان «خېل»، يەنى «تۆپىلىك» ناملىق گېزىتتە «خىتاينىڭ بەختىيار كېلەچىكى-بىر سىستېما ۋە 6 دۆلەت» ماۋزۇلۇق بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى.
2019-09-03
«يېرۇسالېم پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 1-سېنتەبىر كۈنىدىكى سانىدا «ئەرەب دۆلەتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا يېشىل چىراغ ياقتى» ماۋزۇلۇق بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىنى تەتقىقاتچى ھايسام ھاسسانېين يازغان بولۇپ، ئۇ ماقالىسىدە ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا قارشى بىر سادا چىقارماسلىقىدىكى سەۋەبلەرنى مۇلاھىزە قىلغان.
2019-09-03
ئۇيغۇرلار ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا تەشۋىقات پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇپ، خوڭكوڭدىكى نامايىشىنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
2019-09-02
ئامېرىكا دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتلىرىنىڭ بىرى، كېڭەش پالاتا ئەزاسى بارنېي ساندېرس، ئۆتكەن شەنبە كۈنى ئامېرىكادىكى بىر مۇسۇلمانلار تەشكىلاتىنىڭ يىغىلىشىدا نۇتۇق سۆزلەپ، ئەگەر ئۆزى پرېزىدنېتلىققا سايلىنىپ قالسا، خىتايغا ئۇيغۇرلارنى جازالاشنىڭ بەدىلىنى تۆلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2019-09-02
گوگۇل شىركىتى يېقىندا «ياغاچ ئات» ناملىق مەخسۇس ئايفون قوللانغۇچى ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان بىر خىتاي جاسۇسلۇق ۋىرۇسىنى بايقىغان.
2019-09-02
«تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى2 «-سېنتەبىر كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنى 6-سېنتەبىر باشلىنىدىغان خىتاي زىيارىتىدە خىتايغا خوڭكوڭ ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلار مەسىلىسىدە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.
2019-09-02
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 2017 ۋە 2018-يىللىرى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلار شىددەت بىلەن كۆپەيگەن. «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى «31-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان خەۋىرىدە ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ 2017 ۋە 2018-يىللىرىدا 230 مىڭ ئادەمگە قاماق جازاسى ۋە باشقا جازالارنى بېرىپ، خىتاينىڭ مەملىكەت مىقياسى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تارىخىدا يېڭى رېكورت ياراتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2019-08-30
مىسىر كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى يېقىندا بايانات ئېلان قىلىپ، مىسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلىش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.
2019-08-30
كونېر دىللېننىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەرقانچە يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، لېكىن ئىشەنچلىك دەلىللەر ئۇنىڭ قىلمىشىنىڭ «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» نى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلاپ بەرمەكتىكەن.
2019-08-30
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 29-ئاۋغۇست كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋروپا كېڭىشىنى 2014-يىلى «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىلھام توختىنىڭ نامزاتلىقىنى بىكار قىلىشقا چاقىرغان.
2019-08-30
دۇنيا بانكىسى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغاندا باياناتىدا: «دۇنيا بانكىسى بۇ پروگراممىدا مەكتەپلەرگە بەرگەن قەرزنىڭ پروگرامما سىرتىدىكى ھەرقانداق بىر مەقسەتكە ئىشلىتىلگەنلىكىگە دائىر ھېچقانداق ئالامەت بايقالمىدى» دېگەن
2019-08-30
بۇ مەركەزلەر خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشىغا ئىشتىراك قىلىۋاتقان شىركەتلەرنىڭ پۇل تېپىش كوزۇرىغا ئايلىنىپ قالغانلىقى، ئۇلارنىڭ بۇ مەركەزلەردىكى «ئوقۇغۇچى» سانىنى يۇقىرىغا يالغان مەلۇم قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ياردەم پۇلى ئېلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
2019-08-29
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى «30-ئاۋغۇست خەلقئارالىق مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىشنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىش ھەرىكەتلىرىگە دىققەت تارتتى.
2019-08-29
يېقىندا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى بۇ يىل ۋىلايەت تەۋەسىدىكى ھەرقايسى باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە بىر تۇتاش قوبۇل قىلىنغان 134 نەپەر ئالاھىدە شتاتلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى.
2019-08-29
ئامېرىكانىڭ «ABC» قانىلى 29-ئاۋغۇست كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى ھەققىدە ناھايىتى تەپسىلىي ئىشلەنگەن زور ھەجىملىك بىر پروگرامما تارقاتتى.
2019-08-29
CNN نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 28-ئاۋغۇست چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بىر ئۇرۇش پاراخوتى خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا ياسىۋالغان سۈنئىي ئاراللىرىغا 12 دېڭىز مىلى كېلىدىغان جايدا سەپەر قىلىش ئارقىلىق بۇ ئورۇنلارنىڭ خەلقئارا قانۇنلار ئاساسىدىكى ئەركىن سەپەر رايونى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن.
2019-08-29
خىتايدىكى «خەلق تورى» نىڭ 28-ئاۋغۇست كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن تۇنجى قېتىم «جۇمھۇرىيەت ئوردېنى» ۋە «جۇمھۇرىيەت شەرەپ نامى» نامزاتلىرىنى باھالاپ چىقىشنى يولغا قويۇپ، بۇنىڭغا كۆرسىتىلگەن نامزاتلىرىنىڭ ئىسىملىكلىرىنى ئېلان قىلغان.
2019-08-28
ئامېرىكا كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ماگنۇس فىسكەسيۆ ئەپەندى كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي بىلەن چېتىشلىقى بولغان تۈرلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈش، ئەگەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى زوراۋانلىقلىرىغا ھەمدەمدە بولۇۋاتقان تۈرلەر بولسا دەرھال توختىتىشنى تەلەپ قىلغان.
2019-08-28
ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى ئىزچىل مەۋجۇت بولۇۋاتقان بىر پەيتتە دۇنيا بانكىسىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا تەسىس قىلغان تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىغا 50 مىليون دوللار مەبلەغ سالغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقىلىشقا باشلىدى.
2019-08-28
تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىگە خىتاي كلاسسىك ئەسەرلىرىدىن جەمئىي 67 پارچە كىرگۈزۈلۈپ، دەرسلىك مەزمۇنىنىڭ %49.3 نى ئىگىلىگەن.
2019-08-28
خىتايدا ئىشلەنگەن ۋە 30-ئاۋغۇست قويۇلۇشى پىلانلانغان «ئورتاق تەقدىر» فىلىمىنىڭ ئېلان سۈرىتىدە بىر ھىجابلىق ئايالنىڭ ئورۇن ئېلىشى جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاسلارنى قوزغىغان.
2019-08-28
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق نازارىتى يېقىندا «دېھقان-چارۋىچىلارغا ياردەم پۇلى تارقىتىش ۋە مۇكاپاتلاش سىياسىتىنى يولغا قويۇش لايىھىسى» نى ئېلان قىلىپ، مەزكۇر لايىھە بويىچە رايوندىكى دېھقانلارغا «ياردەم پۇلى» تارقاتقان.
2019-08-27
ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى كۆپكە تونۇلغان ئوبزورچى يالقۇن روزى 2016-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ قاماققا ھۆكۈم قىلىنغاندىن بۇيان ھازىرغا قەدەر نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇر سەرخىللىرى ئارقىمۇ-ئارقىدىن لاگېرلارغا قامالدى.
2019-08-27
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئارقىمۇ-ئارقىدىن بايانات ۋە دوكلاتلار ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «ساغلاملىق ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتى» نىڭ زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىشقا كىرىشكەن.
2019-08-27
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىز-چوكانلىرىنى سۈنئىي ئۇسۇلدا تۇغماس قىلىۋېتىشى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن «ئېتنىك قىرغىنچىلىق» نىڭ بىر مۇھىم تۈرى دەپ قارالغان بۇ ھادىسە ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ زور دىققىتىنى قوزغاشقا باشلىدى.
2019-08-27
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 27-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدا بۇ يىلدىن باشلاپ ئۈچ يىللىق مۇددەتتىكى «دەريا-كۆللەرنى رەتكە سېلىش ھەرىكىتى» باشلىنىدىكەن. خەۋەردە بۇ ھەرىكەتنىڭ ئاساسىي مەقسىتى دەريا-كۆللەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشىلاش ئىكەنلىكى ئېيتىلىدۇ.
2019-08-27
ئاۋسترالىيەدىكى داڭلىق ئاخبارات شىركەتلىرىدىن «خۇشكا خەۋەرلىرى» يېقىندا ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لېكتورى، يېتىلىۋاتقان ئۇيغۇرشۇناس دوكتور دەررېن بايلېر بىلەن بىر يېرىم سائەتلىك رادىئو سۆھبىتى ئۆتكۈزدى.