سنوۋدېن ئاشكارىلىغان ئۇچۇرلار ئاساسىدا ئىشلەنگەن «تۆتىنچى ۋەتەنداش» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2015-02-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ سابىق خادىمى سنوۋدېن ئاشكارا قىلغان ئاخباراتلارغا ئاساسەن ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىم «تۆتىنچى ۋەتەنداش» يېقىندا ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

مەزكۇر فىلىمنىڭ ئىشلىگۈچىسى ۋە رېژىسسورى لاۋرا پويتراس بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، ھۆججەتلىك فىلىم «تۆتىنچى ۋەتەنداش» نىڭ ئىنتايىن مەخپىي ھالدا ئىشلەنگەنلىكىنى ھەمدە سنوۋدېن ئاشكارا قىلغان ئۇچۇرلارنىڭ بۇ فىلىم ئۈچۈن مۇھىم مەنبە بولغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، «تۆتىنچى ۋەتەنداش» فىلىمىدىكى سنوۋدېن بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەر خوڭكوڭدا سۈرەتكە ئېلىنغان ئىكەن. ئۇندىن باشقا يەنە «سېلما» ناملىق فىلىم ئۈچۈن ناخشا ئېيتقان داڭلىق رەپچى كوممۇنمۇ ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ مۇكاپاتنى تارقىتىش مۇراسىمىدا سۆزگە چىقىپ، خوڭكوڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دېموكراتىيە ئۈچۈن ئېلىپ بارغان نامايىشلىرىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت