قازاقىستان سوت مەھكىمىسى سېرىكجان بىلاشئوغلىغا قارىتىلغان مىرزاقاماقنى يەنە بىر ئاي ئۇزارتقان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-06-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

قازاقىستان پايتەختى نۇرسۇلتاندىكى بىر سوت مەھكىمىسى 7‏-ئىيۇن كۈنى ئۇيغۇر رايونىدىكى قازاقلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، «ئاتايۇرت» تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى سېرىكجان بىلاشئوغلىنى سوتلاپ، ئۇنىڭ ئۇنىڭ مىرزاقاماق جازاسىنى يەنە بىر ئاي ئۇزارتقان. بۇ ئۇنىڭ مىرزاقاماق جازاسىنىڭ بۇنىڭ بىلەن بىر قانچە قېتىم ئۇزارتىلىشىدۇر.

مەركىزى پراگادىكى «ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سېرىكجان بىلاشئوغىلى 10‏-ئىيۇلغا قەدەر مىرزاقاماقتا تۇتۇپ تۇرۇلىدىكەن. سوت مەھكىمىسىدە بىلاشئوغلىنىڭ نۇرغۇن قوللىغۇچىلىرى قوللىرىدا ئىنگلىزچە، رۇسچە، قازاقچە ۋە خىتايچە لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭ مىرزاقاماقتىن بوشىتىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

بىلاشئوغلى بۇ يىل 3‏-ئايدا ئالمۇتا شەھىرىدە قولغا ئېلىنىپ، «ئېتنىك ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» بىلەن ئەيىبلەنگەن. ئۇ شۇ قېتىمقى تۇتقۇندا قازاقىستان پايتەختى نۇرسۇلتان شەھىرىگە ئېلىپ كېتىلگەن ئىدى.

بىلاشئوغلى قازاقىستاندا «ئاتا يۇرت» ناملىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى قۇرۇپ، ئۇيغۇر رايونىدا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان قازاقلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭ تۇتقۇندىكى قازاقلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى تەشكىللەپ، گۇۋاھلىق بېرىش ھەرىكىتى قوزغىشى خەلقئارا تاراتقۇلاردا غۇلغۇلا قوزغىغان. ئۇنىڭ ھەرىكىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق بىئارام قىلغان شۇنداقلا قازاقىستان دائىرىلىرىنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان.

قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدىكى بىر سوت مەھكىمىسى ئۇنى بۇ يىل 2‏-ئايدا بىر قانۇنسىز تەشكىلاتقا رەھبەرلىك قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇنىڭغا 670 دوللار جەرىمانە قويغان. ئۇنىڭ ئادۋوكاتى ئايمان ئۆمەروۋا يېقىندا نامەلۇم كىشىلەرنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغان. «ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، بىلاشئوغلى «ئاتا يۇرت» تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى قازاقلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى، «ئاتا يۇرت» تەشكىلاتىنى قازاقىستان ئەدلىيە مىنىستىرلىقىغا قايتا تىزىمغا ئالدۇرۇشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. سېرىكجان بىلاشئوغلى بۇ يىل 3‏-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغاندا ئۇنىڭ «ئاتا يۇرت» تەشكىلاتى» مۇ پېچەتلەنگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت