رۇس تىللىق مەتبۇئاتلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ تەقىبلەشكە ئۇچراۋاتقانلىقىغا ئائىت يازمىلار كۆپەيمەكتە

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017-11-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان رۇس تىللىق مەتبۇئاتلاردا خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان، مىللىي، دىنى ۋە مائارىپ سىياسەتلىرى ساھەسىدىكى بېسىملارغا ئائىت خەۋەر ئانالىزلىرى ۋە ماقالىلەر كۆپىيىشكە باشلىغان. مۇنداق خىلدىكى ماقالىلەرنىڭ ئاساسلىق مەنبەلىرىدىن بىرى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئىنگلىزچە تارقىتىلغان ئۇيغۇرلارغا ئائىت تەپسىلاتلىرى بولماقتا.

رۇس، ئىنگلىز ۋە ئۆزبېك تىللىرىدا تارقىتىلىدىغان پەرغانە ئۇچۇر ئاگېنتلىقىنىڭ تورىدا يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىغا ئائىت بىر قاتار رۇسچە خەۋەر ئانالىزلىرى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاساسەن دېگۈدەك رادىئويىمىزنىڭ ئىنگلىزچە خەۋىرىنى مەنبە قىلغان. 

بۇ خىلدىكى ماقالىلەرنىڭ بىرى؛ «خىتايدا ئىسلام ئەسەبىيلىكىنىڭ بەلگىلىرىنىڭ تىزىملىكى تۈزۈلدى» دەپ ئاتالغان بولۇپ، مەزكۇر ماقالىدە خوتەن قاتارلىق جايلاردىكى يەرلىك دائىرىلەر پاش قىلغان ئەسەبىيلىكنىڭ بەلگىلىرى، يەنى سالام بېرىش، كىيىم كىيىش، چاچ قويۇش، ناماز ئوقۇش قاتارلىقلاردىكى ئىپادە شەكىللىرى ۋە باشقا ئىلگىرى چىقىرىلغان ئەسەبىيلىكنىڭ 75 بەلگىسىگە ئائىت ئۇچۇرلار تونۇشتۇرۇلغان.

بۇلاردىن باشقا يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان «ئىككى يۈزلىمىچىلىككە زەربە بېرىش» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچىلەرنى تېپىپ چىقىش» قا ئائىت بىر پارچە تەپسىلاتمۇ بېرىلگەن بولۇپ، بۇنىڭدا يېقىندا بورتالا دائىرىلىرى چىقارغان «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» نىڭ بەلگىلىرى ۋە ئۇلارنى پاش قىلىشقا ئائىت ئېلاندىكى ئۇچۇرلار ئاساس قىلىنغان.

رۇس تىلىدا تارقىتىلىدىغان ئىسلام دىنىغا ئائىت تور بەتلەردىن «ئىسلام-تودەي» تورىدىمۇ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى خەۋەرلىرى مەنبە قىلىنىپ، ئۇيغۇر دىيارىدا يەرلىك مۇسۇلمانلارغا، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ئېتىقادىغا قارىتا تەقىبلەش ئېلىپ بېرىلىپ، ئۇلارنىڭ قۇرئان ۋە جەينىمازلىرىنىڭمۇ يىغىۋېلىنغانلىقى ھەم باشقا پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. 

بۇلاردىن باشقا يەنە مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار مەسىلىسى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى «يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى» گە يىغىۋېلىش مەسىلىسى، مەكتەپلەردە ئۇيغۇر ۋە قازاق تىللىرىنىڭ چەكلىنىشى قاتارلىقلارمۇ خەۋەر ئوبيېكتى بولغان. ھەتتا 10-ئايدا «موسكۋا سۆزلەيدۇ» دەپ ئاتالغان پۈتۈن رۇسىيە خاراكتېرلىك رادىئو ئىستانسىسى موسكۋا ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى رەفقەت سادىقوف بىلەن مەخسۇس ئۇيغۇر دىيارى ۋە ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئايرىم تەپسىلاتلارنى ئېلان قىلدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت