مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بۇ يىللىق روزا ھېيت نامىزىنى بىرلىكتە ئوقۇدى

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2018-06-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۈگۈن پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار مۇبارەك روزى ھېيتنى كۈتۈۋالدى. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن بىرلىكتە روزى ھېيت نامىزىنى ئوقۇدى.

بۇ يىللىق رامىزان ۋە روزى ھېيت خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەرلىك مىللەتلەرگە قاراتقان باستۇرۇشلىرى مىسلىسىز كۈچەيگەن، بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» غا قامالغان، ئۇيغۇرلار پۈتكۈل مىللەت گەۋدىسى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئېتنىك تازىلاش» نىشانىغا ئايلىنىۋاتقان بىر پەۋقۇلئاددە ئېغىر مەزگىلگە توغرا كەلدى.

بۈگۈن ئامېرىكا، گېرمانىيە، تۈركىيە، گوللاندىيە، شىۋېتسىيە، نورۋېگىيە، ئاۋسترالىيە، كانادا، قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق ئەللەردە ياشىغۇچى ئۇيغۇر جامائىتى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق شەھەرلەردىكى مەسچىت-جامەلەرگە جەم بولۇپ، روزى ھېيت نامىزىنى بىرلىكتە ئوقۇدى.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن پايتەخت ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى فايرفاكس رايونىدا جەم بولۇپ، نۇردۇن ھاجىمنىڭ ئىمامەتچىلىكىدە روزى ھېيت نامىزىنى بىرلىكتە ئوقۇدى.

نامازنىڭ ئالدى-كەينىدە مۇقەددەس رامىزان ئېيى ۋە روزى ھېيتنىڭ خاسىيىتى، مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىك-ئىتتىپاقلىقى شۇنداقلا نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە داۋام قىلىۋاتقان مىسلى كۆرۈلمىگەن زۇلۇملار ھەققىدە دىنىي ۋە سىياسىي جەھەتلەردىن مەلۇماتلار يەتكۈزۈلدى.

ئاخىرىدا جامائەت ئىمامنىڭ رىياسەتچىلىكىدە دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىرلىك-ئىتتىپاقلىقى، ئەركىنلىك ۋە ئازادلىقى ئۈچۈن تىلەكلەر تىلىدى. ۋەتەن ئۈچۈن ھاياتى ۋە مال-مۈلكى ۋە ھەتتا ئىسسىق جانلىرىنى تەقدىم قىلغان شېھىتلارنىڭ روھىغا دۇئالار ئوقۇدى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى بىلەن بىرلىكتە بۇ يىللىق روزى ھېيتنى كۈتۈۋالغان بىر مەزگىلدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەرلىك مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ يىللىق روزى ھېيتنى قانداق كۈتۈۋالغانلىقىغا جىددىي سوئاللار قويۇلماقتا.

ئىلگىرىكى زامانلاردا توپ-توپى بىلەن ھېيت نامىزىنى بىرلىكتە ئوقۇيدىغان ۋە ئۆز-ئارا ئايەملىرىنى مۇبارەكلىشىدىغان ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ نۆۋەتتىكى يۇقىرى بېسىملىق ۋەھىمە ئىچىدە بۇ يىللىق روزى ھېيت نامىزىنى قانداق ئوقۇغانلىقى ۋە ھېيتنى قانداق ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇر ئېلىش ئىمكانىيىتى بولمىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت