ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى روزا ھېيت نامىزىنى بىرلىكتە ئوقۇدى

2019-06-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خاسىيەتلىك پائالىيەتلەرنىڭ بىرى بولغان 2019-يىللىق روزا ھېيت نامىزى 4-ئىيۇن كۈنى فايرفاكس شەھرىدىكى «ئۇيغۇر كارخانىچىلار تورى» نىڭ پائالىيەت زالىدا ئوقۇلدى. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى تەشكىللىگەن بۇ يىللىق ھېيت نامىزىغا ۋاشىنگتون شەھرى، ۋىرجىنىيە ۋە مارىيلاند شىتاتلىرىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون شەھرىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەشكىللىگەن «ئۇيغۇر ھەپتىلىكى» پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر جامائىتى قاتناشتى.


فايرفاكس شەھرىدىكى ئۇيغۇر دىنىي زاتلىرىدىن نۇردۇن ھاجىم بۇ قېتىمقى ھېيت نامىزىغا ئىماملىق قىلدى. زالغا يىغىلغان نەچچە يۈز ئۇيغۇر جامائىتى ئۇيغۇر تىلىدا ھېيت خۇتبىسى ئاڭلىدى. نامازدىن كېيىن جامائەت بىرلىكتە ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، شۇنىڭدەك ئۆزلىرى تونۇيدىغان ۋە تونۇمايدىغان بارلىق قېرىنداشلىرىغا خاتىرجەملىك ۋە ئامانلىق تىلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىگۇناھ ھالدا لاگېرلارغا قامالغان ۋە ھەر خىل مۇددەتتە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان كىشىلەرگە ئەركىنلىك ۋە ھۆرلۈك تىلەپ دۇئاغا قول كۆتۈردى.


گەرچە مۇھاجىرەتتىكى بارلىق ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر جامائىتىمۇ ھېيت خوشاللىقىنى ئۆز ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بىرلىكتە تەبرىكلەش ئىمكانىغا ئىگە بولمىسىمۇ، مۇشۇ قېتىمقى پائالىيەتتە ئۇيغۇرلاردىكى ئەسىرلەر بويى داۋام قىلىپ كەلگەن كوللېكتىپلىق ۋە ئۆملۈك روھى يەنە بىر قېتىم جارى بولدى. شۇنداقلا مۇھاجىرەتتە ئۆسۈپ-يېتىلىۋاتقان ئۇيغۇر گۆدەكلىرىنىڭ ئۇيغۇرلۇق كىملىكى ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىگە يېڭى مەزمۇنلار سىڭدۈرۈلدى.


نامازدىن كېيىن ئۇيغۇر جامائىتى بىرلىكتە ناشتا قىلدى. ھەرقايسىي ئۇيغۇر ئائىلىلىرى خالىس تەييارلاپ كەلگەن مول ۋە رەڭگا-رەڭ يېمەكلىكلەر بىلەن بىرلىكتە ناشتا قىلغاچ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلارسىز ئۆتۈۋاتقان روزا ھېيتىدا ھەممىلا ئۇيغۇر بىر-بىرىگە قېرىنداشتەك بولۇپ كەتكەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت