د ئۇ ق ئۇيغۇرلارنىڭ رامىزان ئېيى مەزگىلىدە داۋاملىق زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

2019-06-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

د ئۇ ق 3-ئىيۇن كۈنى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ خاسىيەتلىك روزا ھېيتىنى بىرلىكتە كۈتۈۋېلىشىغا سەمىمىي تىلەكداشلىق بىلدۈردى. شۇنداقلا «دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتمۇ-قات دىنىي زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان ھەمدە روزا ھېيتنى تەبرىكلەشتىنمۇ چەكلىنىۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىنى سورايمىز» دەپ كۆرسەتتى.
باياناتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي دىنىي ئېتىقاد ھەقلىرىنىڭمۇ قالمىغانلىقى، ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا ھېيت كۈنلىرى ئادەم دېڭىزىغا ئايلىنىدىغان مەسچىتلەرنىڭ 2019-يىلىغا كەلگەندە تىكەنلىك سىم توساق، كۆزىتىش كامېرالىرى ۋە خىتاي ساقچىلىرى بىلەن ئورالغان ھالدا قۇپ-قۇرۇق بولۇپ قالغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە «بەشتە بىرگە بولۇش» نامىدا كىرىپ ئورۇنلىشىۋالغان خىتاي كادىرلارنىڭ نازارەتچىلىكىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئۆيلىرىدىمۇ ھېچقانداق رامىزانلىق پائالىيەتلەر بىلەن مەشغۇل بولۇش ئىمكانى قالمىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ. شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام دىنىنى «روھىي كېسەللىك» دەپ جاكارلاش ئارقىلىق بۇ «كېسەل» نى تۈپ يىلتىزىدىن «يوقىتىش» كويىدا بولۇۋاتقانلىقى، دەل مۇشۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ مۇدەددەس بولغان رامىزان ئېيى مەزگىلىدىمۇ  ئېغىر دىنىي زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلىقى كۆرسىتىلىدۇ.


باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل رامىزان ئېيى مەزگىلىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى رامىزان تۇتۇشتىن چەكلەش ئۈچۈن بىر قاتار يېڭى تەدبىرلەرنى يولغا قويغان. بۇنىڭدا «تۇغقان بولۇش پائالىيىتى» دىن باشقا بىر قىسىم مويسىپىتلەرنى رامىزان باشلانماستىنلا ناماز ئوقۇماسلىق ۋە روزا تۇتماسلىق ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرۈشكە مەجبۇرلاش ئارقىلىق باشقىلارغا «ئاگاھلاندۇرۇش» بەرگەن؛ بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىلىرى داۋاملىق تۇتقۇن قىلىنىپ، بۇ خىل قەبىھ سىياسەتلەرگە قارشى جامائەت پىكرى پەيدا بولۇشنى ئالدى ئېلىنغان.


د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەخسۇس سۆز قىلىپ، مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان دىنىي زىيانكەشلىكلەرگە قارىتا ئىزچىل سۈكۈت ساقلاپ تۇرىۋاتقانلىقىنى، ھازىرغىچە پەقەت تۈركىيە ۋە مالايسىيا ھۆكۈمەتلىرىلا خىتاينىڭ بۇ خىل «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى»نى ئاشكارا ئەيىبلىگەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋاستە ئارقىلىق سېتىۋېلىشى بىلەن «دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىقى تەشكىلاتى» غا ئوخشاش ئەڭ چوڭ ئىسلام تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ خىتاي ئۈچۈن گەپ قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە قىلغا سۆزىدە «دۇنيادىكى 200 نەچچە دۆلەتتىن پەقەت بىرنەچچىسىلا ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشى ھەققىدە سۆز قىلدى. ھالبۇكى مۇسۇلمان دۆلەتلىرى بۇ مەسىلىدە سۈكۈت قىلىپلا قالماستىن يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى مەدھىيەلەۋاتىدۇ. بۇ 21-ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ شەرمەندىلىك» دەپ  كۆرسەتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت