قىرغىزىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئامانلىق تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-02-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئامانلىق تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، ئەلچىخانا سىرتىغا قوراللىق مۇھاپىزەتچىلەرنى ئورۇنلاشتۇرغان. خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بۇ ھەرىكىتى قىرغىزىستان تاراتقۇلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. بەزى كۆزەتكۈچىلەر، ئەلچىخانىسى سىرتىغا قوراللىق مۇھاپىزەتچىلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى يېقىندا يۈز بەرگەن بىشكەك شەھىرىدىكى خىتايغا قارشى نامايىشلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىماقتا. لېكىن خىتاي ئەلچىخانىسى بۇنىڭ يېقىنقى نامايىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى رەت قىلغان. بۇ يىل 17‏-يانۋار كۈنى بىشكەك شەھىرىنىڭ ئالاتاۋ مەيدانىغا قىرغىزلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك خىتايغا قارشى نامايىشى پارتلىغان ئىدى. قىرغىزىستان «قابار» ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شياۋ چىڭخۇا 8‏-فېۋرال كۈنى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىپ، ئەلچىخانا سىرتىغا قوراللىق مۇھاپىزەتچىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ نامايىشچىلارغا قارىتىلمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ ئەلچىخانىلارنىڭ قاتتىق قوغدىلىدىغان ئىستراتېگىيىلىك ئورۇن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «مۇھاپىزەتچىلەرنىڭ كۈچەيتىلىشىنىڭ يېقىنقى نامايىشلار بىلەن ئالاقىسى يوق» دېگەن. ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ پات يېقىندا قىرغىزىستاننى زىيارەت قىلىدىكەن. ئۇ شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتى خىتاي-قىرغىز مۇناسىۋەتلىرىدە «يېڭى سەھىپە ئاچىدىغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەمما بۇ سەھىپىنىڭ كونكرېت تەپسىلاتىنى چۈشەندۈرمىگەن.

بۇ يىل 17‏-يانۋار ئالاتاۋ مەيدانىدا يۈز بەرگەن نامايىشتا نامايىشچىلار قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىگە خىتاينىڭ قىرغىزىستاندىكى كېڭەيمىچىلىكىنى توسۇش، خىتاي كۆچمەنلىرىنى قوغلاپ چىقىرىش، قىرغىزلارنىڭ خىتايلار بىلەن توي قىلىشىنى چەكلەش، خىتاينىڭ قەرزىنى دەرھال قايتۇرۇپ بېرىش قاتارلىق تەلەپلەرنى قويغان. لېكىن قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنى نامايىشنى باستۇرۇپ 20 دەك نامايىشچىنى قولغا ئالغان. بەزى نامايىشچىلارنى «مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» بىلەن ئەيىبلەپ سوتقا تارتقان ئىدى. شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتى خەلقئارادا خىتاينىڭ 800 مىڭدىن 2 مىليونغىچە ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىشى قاتتىق نارازىلىققا ئۇچراپ، بۇنىڭغا ئالاقىدار خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش تەلەپ قىلىنىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت