ئۇيغۇر ئېلىدىكى قەدىمىي مەھەللىلەرنى چېقىش خىزمىتى تېزلىتىلىدىكەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-05-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر يېقىندا «شىنجاڭ ئاپتونوم رايونىدىكى كونا ئاھالىلەر رايونىنى ئۆزگەرتىش سىناق خىزمەت پىلانى» دەيدىغان بىر يېڭى قۇرۇلۇش پىلانىنى ئېلان قىلغان.

پىلان بويىچە سىناق رايونى قىلىپ بېكىتىلگەن ئۈرۈمچى، غۇلجا، ئاقسۇ، كۇچا ۋە خوتەن شەھەرلىرىدىكى ئاتالمىش كونا ئۆي-مەھەللىلەر چېقىلىدىكەن. دائىرىلەر بۇ يېڭى تۈر بويىچە جەمئىي 1090 مەھەللىدىكى ئالاھازەل 193 مىڭ 400 ئائىلىلىكنى كۆچۈرىدىكەن. يۇقىرىقى خەۋەردە 4-ئاينىڭ 26-كۈنىگە قەدەر 30 مىڭغا يېقىن ئاھالىنىڭ كۆچۈرۈپ بولۇنغانلىقى دېيىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، يۇقىرىقى يېڭى پىلان تۈرىدىن باشقا يەنە «شىنجاڭدىكى كونا مەھەللە رېمونت قىلىش ۋە قايتا قۇرۇش تۈرى» مۇ بار بولۇپ، بۇ پىلان بويىچە بۇ يىل ئىچىدىلا پۈتۈن ئاپتونوم رايون مىقياسىدا جەمئىي 788 ئاھالىلەر رايونى يەنە بۇزۇلۇپ، 116 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالە ئۆيلىرىدىن كۆچۈرۈۋېتىلگەن ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق قۇرۇلۇشلارنى «ئولتۇراق رايونلارنى يېڭىلاش، ئاھالىلەرنى يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈرۈپ، قېيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش» دەپ تەشۋىق قىلىدۇ. بىراق چەتئەللەردە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىنى تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتقان كۆزەتكۈچىلەر بولسا بۇنىڭ ئەسلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي ئولتۇراقلىشىش ئادەتلىرىنى بۇزۇش، توپلىشىپ ياشىشىنى چەكلەش ئارقىلىق كونترول قىلىشنى ئاسانلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بايان قىلىشماقتا. مۇشۇ ساھەدە تەتقىقات ئەپ بارغان ئامېرىكا برىن ماۋر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى لورېن خانسېن يېقىندا قىلغان بىر سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «كونا ئۆيلەرنى يېڭىلاش» نامىدىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەرنى چېقىش ھەرىكەتلىرىنى «زېمىن بىلەن كىملىك ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش ۋە شۇنداقلا مۇتلەق كونترولنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان،» دەپ پىكىر بايان قىلغان.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ يۇقىرىقى خەۋىرىگە قارىغاندا، دائىرىلەر كېيىنكى قەدەمدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتالمىش «كونا مەھەللىلەرنى يېڭىلاش» نى يەنىمۇ تېزلىتىپ، پۈتكۈل رايونغا ئومۇملاشتۇرىدىكەن.

چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر يەرلىك خەلقلەرنىڭ قەدىمدىن تارتىپ ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن زېمىنلىرىدىن توپ-توپ ھالدا كۆچۈرۈلۈشىنىڭ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى كاتوگورىيەسىگە كىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت