نەزەربايېف يەر ئىسلاھاتىنى كېچىكتۈردى، ئەمما نامايىشچىلارنى قاتتىق ئاگاھلاندۇردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016-05-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېف پەيشەنبە كۈنى يەرنى خۇسۇسىيلاشتۇرۇش ھەققىدىكى ئىسلاھات پىلانىنى كېچىكتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ئەمما نامايىشچىلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ھوقۇقىغا قارشى تۇرغان ھەرقانداق خىرىسنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نەزەربايېفنىڭ يەرنى خۇسۇسىيلاشتۇرۇش پىلانى قىزىلئوردا قاتارلىق شەھەر، رايونلاردا نارازىلىق نامايىشلىرىنىڭ پارتلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. نەزەربايېف ھۆكۈمەت يىغىنىدا، «ئەگەر خەلقىمىز چىقارغان قارارنى چۈشەنمىگەن بولسا ياكى ئۇنىڭغا ئىشەنمىسە، بۇنى داۋاملىق ئىجرا قىلىش توغرا ئەمەس» دېگەن.

ئەمما ئۇ يەنە، كەرەم مەسىموف ھۆكۈمىتىنى يەر ئىسلاھات پىلانىنى خەلققە يېتەرلىك چۈشەندۈرمىدى، دەپ تەنقىدلىگەن. قازاقىستاندىكى نارازىلىقنىڭ نەتىجىسىدە، قازاقىستان ئىقتىساد مىنىستىرى ياربولات دوسايېف ئىستېپا بەرگەن. دوسايېف ھۆكۈمەت يىغىنىدا ئىستېپاسىنى سۇنغان. نەزەربايېف ئۇنىڭ ئىستېپاسىنى دەرھال قوبۇل قىلغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ پەيشەنبە كۈنى تارقاتقان خەۋىرىدە قەيت قىلىشىچە، قازاقىستاندىكى نامايىشنى قازاق خەلقىدىكى «يەر ئىسلاھاتى چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ بولۇپمۇ خىتاي شىركەتلىرىنىڭ تېرىلغۇ يەرلەرنى ئىگىلىۋېلىشىغا يول ئاچىدۇ، دېگەن ئەندىشە كەلتۈرۈپ چىقارغان.»

نەزەربايېف، يەر ئىسلاھاتى بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىرىغا قەدەر يولغا قويۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، شۇنىڭغا قەدەر خەلق يەنە قوللىمىسا، ئىسلاھات پىلانى بىكار قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن نەزەربايېف ئاخىرىدا نامايىشچىلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ، «قازاقلار ئۇكرائىنا ۋەقەسىنىڭ قازاقىستاندا يۈز بېرىشىنى ئىستىمەيدۇ. ھەركىم شۇنى ئاڭلاپ قويسۇن، ئەگەر كىمكى بۇنى قازاقىستانغا توشۇپ كېلىشكە ئۇرۇنسا، بىز ئەڭ قاتتىق تەدبىرلەرنى ئالىمىز» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت