قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېف ئىستېپا بەردى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-03-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

1991-يىلى سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقى ھالاك بولغاندىن تارتىپ قازاقىستاننىڭ رەھبىرى بولۇپ كەلگەن نۇرسۇلتان نەزەربايېف 19-مارت كۈنى قازاقىستان تېلېۋىزىيەسىدە نۇتۇق سۆزلەپ ئۆزىنىڭ ئىستېپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى.

ب ب س نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، نەزەربايېف نۇتقىدا ئۆزىنىڭ مۇستەقىل قازاق دۆلىتىنىڭ باش كۆتۈرۈشى ئۈچۈن تېگىشلىك روللارنى ئوينىغانلىقىنى، ئەمدى بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىسلاھات ئىشلىرىنى داۋام ئەتتۈرۈش ئۈچۈن يېڭى بىر ئەۋلاد رەھبەرلىك قاتلىمىغا ئورۇن بوشىتىپ بەرمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئەمما ئۆزىنىڭ نېمە سەۋەبتىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالمىغان.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستان پارلامېنتى يۇقىرى پالاتاسىنىڭ رەئىسى، قازاقىستاننىڭ سابىق باش مىنىستىرى قاسىم جومارت توقايېف 20-مارتتىن باشلاپ ۋاقىتلىق ھالدا نەزەربايېفنىڭ ئورنىغا چىقىدىكەن. خەۋەرلەردە توقايېفنىڭ بېيجىڭدا خىتايچە ئۆگەنگەنلىكى ۋە بېيجىڭدىكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئەلچىخانىسىدا ئۇزۇن مەزگىل ئىشلىگەنلىكى ئالاھىدە ئورۇن ئالدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 78 ياشقا كىرگەن نەزەربايېف ئەينى ۋاقىتتا قازاقىستان كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 1-سېكرېتارى بولۇپ ئىشلىگەن ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت