قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى 2017-يىلىدىن ئېتىبارەن دۇنيادىكى 54 دۆلەتكە قارىتا ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىكەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016-07-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 2017-يىلىدىن ئېتىبارەن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر شۇنداقلا سىنگاپور، مالايشىيا ۋە موناكو قاتارلىق 54 دۆلەتكە قارىتا ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىكەن.

تۈركچە «قازاقىستان خەبەر» تورىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىدرىسوف يېقىندا بايانات ئېلان قىلىپ، دۇنيادىكى 54 دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ 2017-يىلىدىن ئېتىبارەن قازاقىستانغا 30 كۈن ۋىزىسىز كىرىپ-چىقالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ بۇ قارارى پرېزىدېنت نۇرسۇلتان نەزەربايېفنىڭ 6-ئايدا سانكىت-پېتېرسبۇرگ ئىقتىسادىي مۇنبىرىدە 54 مەبلەغ سالغۇچى دۆلەت ئۈچۈن ۋىزا تۈزۈمىنى بىكار قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى باياناتىدىن كېيىن ئوچۇقچىلىققا چىققان ئىكەن.

قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن ئورتا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ئىچىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئەڭ تېز، تاشقى دىپلوماتىيەسى ئەڭ جانلىق، سىياسىي ۋەزىيىتى ئەڭ مۇقىم بولغان بىر دۆلەت بولۇپ، ئۇنىڭ 50 نەچچە دۆلەتكە قارىتا ۋىزا تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى ئورتا ئاسىيا رايونىنىڭ دۇنيانىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇنبىرىدىكى ئورنىنى يەنىمۇ كۈچەيتىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت